باش بەت

يۈسۈپ كەنجىباي

463يوللانما
12مەستانە

سالاھ: مەن رېكورتقا قارىغاندا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىشنى خالايمەن

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 22:08 5 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سالاھ بۇ پەسىل ھەرقايسى مۇسابىقىلەردە 40 توپ كىرگۈزدى، كوماندىنىڭ يەككە پەسىلدىكى رۇش ياراتقان 47 توپ كىرگۈزۈش رېكوتىغا يەنە يەتتە توپلا قالغان، مىسىرلىق ھۇجۇمچى سالاھ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

سالاھ زىيارەت قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر تاللاش توغرا كەلسە مەن ئەلۋەتتە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى تاللايمەن. ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىش تولىمۇ قالتىس ئىش، باشقا ئىشلارغا مەن ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيمەن، رۇشنىڭ رېكورتىغا يېقىنلىشىپ قالدىم، قالغان ئىشلارنى يەنە كۆرۈپ باقايلى.»

سالاھ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يالغان ئېيتسام بولمايدۇ، بۇ مېنىڭ كاللامدا ھەقىقەتەن مەۋجۇت، سەپداشلىرىم مېنىڭ توپ كىرگۈزۈشىمگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، مانچېستېر شەھىرى ۋە توتتېنھام كوماندىسىنىڭ توپچىلىرىمۇ ئاگۈيرو ۋە خاررى كېننىڭ توپ كىرگۈزىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەغدىرىمنى ئىزلەپ2 كۈن ئىلگىرى

    سالاھقا ئامەت تىلەيمەن !

  • نۆل نۇقتا2 كۈن ئىلگىرى

    خانلىق مادرىتقا كەلسە شۇ چىمپىيونلىقنى ئالا ئالتۇن بوتىس ئالتۇنتوپقا تېقىنلىشالمايدۇ چۇنكى توپ رونالدودىن ئاشمايدۇ شۇڭا مادرىدقا بېرىش ئويۇڭ بوپقالسا رونالدو كەتمەستىن بۇرۇن ھەرگىز بارما ھازىرقى ئىپادەڭدىن ئىككى ھەسسە قالتىس ئىپادە بىلەن ئوينىساڭ چىمپىيونلىق سىنىڭكى

  • Real.CR73 كۈن ئىلگىرى

    بىراق باشقىلار بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى بۇنىڭدىن ئۈستۈن ...ھازىر ئۇلار ھاياجانلىنىپ نەچچىسىنىڭ يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ بولدى...ھى ھى ھى ............

  • ئۆمەرجان☺3 كۈن ئىلگىرى

    سالاھ سەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيونى بولساڭ ئالتۇن بوتىس ساڭا مەنسۇپ ،خارىكىن ۋە ئاگرۇ ساڭا رەقىپ بوللالمايدۇ ، مەن ساڭا ئامەت تىلەيمەن ،سالاھ سەن چوقۇم چېمپىيون بولسەن ، قوللايدىغانلا خو بىرىپ قويۇڭلار

  • خانلىق مادرىد مەستانىسى3 كۈن ئىلگىرى

    خانلىق مادرىد كوماندىسىغا كەلسەڭ ئىتتىك ئالىسەن ئەپەندىم. بىز سېنى مۇشۇ يەردە ساقلايمىز! ئەمما بۇ يىل چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ تاماسىنى تارتما، ئۇ رونالدونىڭ!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号