باش بەت

زىيارەت

2289يوللانما
27مەستانە

ئاللېگرى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى 350-مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 21:45 1 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 32-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا سامپدورىيا كوماندىسىنى 0:3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى، يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ ترېنېرى ئاللېگرى ئۆزىنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى 350-مەيدان مۇسابىقىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاللېگرى بۇندىن بۇرۇنقى ترېنېرلىق ھاياتىدا سپال، گروسسېتو، ساسسولو، كاگلىيارى، AC مىلان قاتارلىق كوماندىلارغا ترېنېر بولغان، نۆۋەتتە ئاللېگرى يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ ترېنېرى، ئۇ ترېنېرلىق ھاياتىنى باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 350 مەيدان مۇسابىقىگە يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئاللېگرىنىڭ ئۇتۇش نىسبىتى %60 بولغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 冰山游客2 كۈن ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن يامان مەشقاۋۇلكەن، ھەم جەسۇرلۇقى باركەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号