باش بەت

كىنوچى

2540يوللانما
166مەستانە

ئېنگلاند يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش تىزىملىكى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 21:26 0 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن سەھەر، مانچېستېر شەھىرى كوماندا تارىخىدىكى 5-قېتىملىق ئېنگلاند يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئېنگلاندتىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمىدە چېمپىيون بولۇش سانى جەھەتتە 8-ئورۇندا تۇرغان.

مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن لىۋېرپول بۇ تىزىملىكتە ئالدىنقى ئىككى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، مانچېستېر بىرلەشمىسى 20 قېتىم، لىۋېرپول 18 قېتىم يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئارسېنال 13 قېتىم، ئېۋېرتون توققۇز قېتىم، ئاستونۋىلا يەتتە قېتىم، چېلسى بىلەن سۇندېرلاند (ھازىر ئېنگلاند چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە) ئالتە قېتىم يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغىنى دەل مانچېستېر شەھىرى بولۇپ، ئۇلار بەش قېتىم چېمپىيون بولغان. ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىدىكى ئالتە كۈچلۈكنىڭ ئىچىدىكى توتتېنھام ئىككى قېتىم چېمپىيون بولغان.

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش سانى جەھەتتە، مانچېستېر بىرلەشمىسى 13 قېتىم چېمپىيون بولۇپ بىرىنچى ئورۇنغا تۇرغان، چېلسى بەش قېتىم. ئارسېنال بىلەن مانچېستېر شەھىرى ئۈچ قېتىم، بلاكبۇرن (ھازىر ئېنگلاند ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە) ۋە لېيچېستېر شەھىرى بىر قېتىم ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号