باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

توردا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ قولغا چۈشكەن ئەڭ ھاماقەت جىنايەتچىلەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 22:30 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا تۇرىدىغان ئېمىلىي لوك ئىسىملىك ئايال ئالاقە ئەپلىرىدە ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى كۆز-كۆز قىلىپ ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ساقچىلار مۇشۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېمىلىي ۋە ئۇنىڭ يىگىتىنى قولغا ئېلىپ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن ئەيىبلىدى. نۇرغۇن ئادەم بۇنىڭغا ئۇلارغا گەپ توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، ئەنگلىيەدە بۇنداق «ھاماقەت» جىنايەتچىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

كوننور مۇرفىي، سەككىز كىشىلىك بۇلاڭچىلىق شايكىسىنىڭ ئەزاسى. بۇ شايكىدىكىلەر ئىلگىرى نۇرغۇن ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل، زىبۇ-زىننەت، يانفون ۋە كومپيوتېر ئوغرىلىغان. ساقچىلارنىڭ بۇ جىنايەتچىلەر شايكىسىنى قولغا چۈشۈرۈشىدىكى مۇھىم يىپ ئۇچى دەل مۇرفىي. سۈرەتتە، مۇرفىي «پۇلدىن تەييارلانغان ساندىۋىچ» يېمەكتە.

مۇرفىي ھەر قېتىم دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن «غەنىيمەتى» بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىدۇ. سۈرەتتە، مۇرفىي ئوغرىلىغان ئاپتوموبىلىغا يۆلىنىپ تۇرماقتا.

2015-يىلى 7-ئايدا 38 ياشلىق روبېرتز ئايالى بىلەن ساياھەتكە بارغاندا يالغاندىن يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ قوپماي يېتىۋالدى، ھەتتا دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلىپ كېلىپ ئاشخانىدىكىلەردىن 3000 فوندستېرلىڭ (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 26 مىڭ 970 يۈەن) تۆلەم تۆلىتىۋالدى.

سوتچى بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش جەريانىدا ئىككەيلەننىڭ دۆلەتكە قايتىپ نەچچە كۈن بولار-بولمايلا تورغا 79 پارچە سۈرەت يوللاپ ساياھىتىنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل بولغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلغانلىقىنى بايقىدى. سۈرەتتىن ئۇلار ھېچبىر يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەندەك كۆرۈنمەيدۇ. ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى ئىككەيلەننى 26 ھەپتىلىك قاماق جازاسىغا ھەم مەھەللىدە 200 سائەت خىزمەت قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى.

تېخىمۇ كۈلكىلىكى 33 ياشلىق زەھەر سودىگىرى فىرانسىيس. فىرانسىيسنىڭ جىنايىتى ئاسانلىقچە بايقالمايتتى. بىراق، بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلدى. چۈنكى ئۇ تورغا پۇل تۇتۇپ چۈشكەن سۈرىتىنى يوللىغانىدى. ئالاقە ئەپلىرىدە تېخى ئۇنىڭ ئاشخانىنىڭ تورۇسىنى پۇل بىلەن بېزىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ساقچىلار مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئۆيىنى تۇيۇقسىز تەكشۈردى.

ساقچىلار فىرانسىيسنىڭ ئۆيىدىن زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاتىرىسى تاپتى. ئاخىرىدا فىرانسىيس قانۇنسىز پۇل يۇيۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ساقلاش جىنايىتى بىلەن ئالتە يىل سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

26 ياشلىق جوناسان دولگېن بىلەن 23 ياشلىق مەسېۋ مۇرفىي ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ ھاماقەت بىر جۈپ ئوغرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆيىدىن موتسىكلىت، ئاپتوموبىل، شامپان ئوغرىلىغاندىن كېيىن ئوغرىلىغان نەرسىلەر بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى تورغا يوللىدى.

بۇ ئىككەيلەن تورغا جىنايەت ئىسپاتى بولالايدىغان 50 پارچە سۈرەت يوللىغان. ئاخىرىدا ئۇلار توققۇز يىل تۆت ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

سۈرەتتە، جەكۋىلىن بىلەيك. ئۇنىڭ تۇنجى يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەت يېزىپ ئۆزىنىڭ يالغۇز ئانا ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتتىن تولۇقلىما ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بىراق، ئۇ يولدىشى ئۆلۈپ كېتىپ 48 سائەتتىن كېيىن يەنە توي قىلىۋالغانلىقىنى يوشۇردى. خىزمەتچىلەر توردىن جەكۋىلىننىڭ شېرىنئاي ئۆتكۈزگىلى بارغانلىقى كۆرسىتىلگەن سۈرەتلەرنى تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بەرگەن تولۇقلىمىغا شېرىنئاي ئۆتكۈزگىلى بارغانلىقىنى بايقىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تاتلېقجان (مېسكېن)3 كۈن ئىلگىرى

    ئەڭ ئاستېدېكې ئايال بەك رەزېلكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号