باش بەت

زىيارەت

2289يوللانما
27مەستانە

زىدانى خانلىق مادرىدتىكى 100-مەيدان غەلبىسىنى تاماملىدى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 22:13 0 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكا تور بېكىتى Optaنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن سەھەردە ئوينالغان ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد مالاگا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ترېنېرى زىدانى ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ترېنېر بولغاندىن بۇيان 100 مەيدان غەلبە قىلىشتەك ياخشى نەتىجە ياراتقان.

زىدانىنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ترېنېر بولغاندىن بۇيانقى ئۇتۇش نىسبىتى %71.4 بولۇپ، نۆۋەتتە «سامان يولى جەڭ كېمىسى قوشۇنى» ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ رەت تەرتىپىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە سەركىلىك ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بارسېلونا كوماندىسىدىن 15 جۇغلانما نومۇر كەينىدە، رەت تەرتىپتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسىدىن تۆت جۇغلانما نومۇر كەينىدە ئىكەن.

يەنە 10 كۈندىن كېيىن خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى بىلەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号