باش بەت

زىيارەت

2289يوللانما
27مەستانە

بەش چوڭ بىرلەشمە ئىچىدە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى 100 توپ كىرگۈزدى

مەنبە:جىبوبا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 22:28 1 ئىنكاس چۈشتى

جىبوبا تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى فرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر ئايلانمىسى باشلاندى، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا موناكو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەيدان نەتىجىسى 1:4 بولۇپ، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەن، يەنە كېلىپ پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ فرانسىيە بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 100گە يەتكەن.

مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىدىن لوسېلسو ئىككى توپ كىرگۈزدى، كاۋانى بىلەن دىمارىيا بىردىن توپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيداننىڭ ئۆزىدىلا تۆت توپ كىرگۈزگەن، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 26 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، لوسېلسونىڭ كىرگۈزگەن توپى دەل پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ فرانسىيە بىرلەشمسىدىكى كىرگۈزگەن توپىنى 100 توپ ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزدى.

پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىمۇ ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بىرلەشمىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 100دىن ئاشقان كوماندىغا ئايلاندى، نۆۋەتتە ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە ئىچىدە توپ كىرگۈزۈش سانى رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقىنى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بولۇپ، ئۇلار بىرلەشمىدە 93 توپ كىرگۈزگەن.

تەكىتلەشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، بۇ مۇسابىقىدە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا موناكو كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە موناكو كوماندىسىدىن 17 جۇغلانما نومۇر ئېشىپ، مۇددەتتىن بەش ئايلانما بۇرۇن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ..ℜǎη︵Jǐℳǎ.....2 كۈن ئىلگىرى

    ۋايجان بۇ سولتەكلە بوش ئەمەسكەن جۇمۇ ھەر بىر مەيداندا 3 توپ دىگەن گەپيا بۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号