باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

«يۈگرەيلى بۇرادەر»نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان لى چېننى باكالاۋر قالپىقى يارىلاندۇردى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 21:43 1 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورىنىڭ تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مەلۇم بىر تورداشنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئاشكارىلىشىچە، بىر باكالاۋر قالپىقى لى چېننىڭ پېشانىسىگە تېگىپ كېتىپ يارىلانغاچقا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. لى چېن ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا بۇ ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇپ: «ئىلگىرى بىلمەپتىكەنمەن، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىكمۇ دىققەت قىلىڭلار، ئادەم كۆپ ۋاقىتتا باكالاۋر قالپىقىنى ئاسمانغا ئاتقاندا، چوقۇم دىققەت قىلىڭلار، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، ھازىر دوختۇرخانىغا بېرىپ تاڭدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ داۋاملىق يۈگۈرەيمەن»، دەپ يازدى ھەمدە فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىغىمۇ رەھمەت ئېيتتى.

فەن بىڭبىڭمۇ مىكرو بىلوگىغا باكالاۋر قالپىقىنى ئاسمانغا ئېتىپ يارىلانغانلىقىغا ئائىت مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى تارقىتىپ: «ساۋاقداشلار، مەكتەپ پۈتتۈرۈش پەسلىدە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار»، دەپ يازدى.

تورداشلارمۇ بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، بەس-بەستە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىخەتەرلىككە دىققەت قىلايلى»، «مەكتەپ پۈتتۈرۈش پەسلى يېتىپ كەلدى، بارلىق ئوقۇغۇچىلار چوقۇم چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار»، «چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار جۇمۇ، بولمىسا بىڭبىڭنىڭ ئىچى ئاغرىپ كېتىدۇ»، دېيىشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Qakkanbay2 كۈن ئىلگىرى

    ناھايتى كىچىككىنە يېغىركەنغۇ، چولپانلارنىڭ جېنىغا بەك ئىچى ئاغرىيدۇ جۇمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号