باش بەت

del103

4196يوللانما
38مەستانە

3-ئايدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاندىرويىد يانفونلىرى تىزىملىكى چىقتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 22:33 9 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2018-يىلىنىڭ 1-پەسلىمۇ ئاخىرلاشتى، بۇ پەسىلدە ھەرقايسى يانفون كارخانىلىرى بىر تۈركۈم يېڭى بايراقدار يانفونلارنى چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىك سناپدراگون 845 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن يانفونلارغا ئەڭ قىزىقىدۇ. ئۇنداقتا 3-ئايدىكى ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك يانفونلار تىزىملىكىگە قايسى تىپتىكى يانفونلار كىرگەندۇ؟

ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى، تىزىملىكتىكى يانفونلارنىڭ ئىقتىدارى ئەنتۇتۇ يۇمشاق دېتالىنىڭ v7 نەشىرىدە سىنالغان بولۇپ، كۆرسىتىلگىنى ئەڭ يۇقىرى نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرىچە نومۇرى، سانلىق مەلۇمات توپلاش ۋاقتى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ھەر بىر خىل يانفون تىپى ئۈچۈن 1000دىن ئارتۇق يانفوننىڭ ئۇچۇرى توپلانغان.

كۆپچىلىكنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققىنى، بۇ قېتىمقى 10 كۈچلۈك ئاندىرويىد يانفونى (TOP10) تىزىملىكىدە سامسۇڭ +Galaxy S9 يانفونى چېمپىيون بولغان، 2-ئورۇنغا Galaxy S9 يانفونى تىزىلغان، بۇ ئىككى يانفوننىڭ دۆلىتىمىزدىكى نۇسخىسىغا ئوخشاشلا سناپدراگون 845 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى چاستوتىسى 2.8Ghzقا يېتىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە +Galaxy S9 يانفونىغا 6GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، Galaxy S9 يانفونىغا 4GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن، ئىككىلا يانفوننىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى 260 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، تىزىملىكتىكى باشقا يانفونلاردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. باشقا ماركىدىكى بايراقدار يانفونلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە سامسۇڭ Galaxy S9 يۈرۈشلۈكىمۇ كۈچلۈك خىرىسقا ئۇچرىشى مۇمكىن.

ئۇندىن قالسا خۇاۋېي Mate 10 Pro يانفونى (213980 نۇمۇر)، Mate 10 يانفونى (213909 نومۇر) ۋە روڭياۋ V10 يانفونى (212934 نۇمۇر) تىزىملىكتە 3-، 4- ۋە 5-ئورۇندا بولۇپ، بۇ يانفونلارغا بىردەك چىلىن 970 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن. چىلىن 970 ئالدىنقى قېتىملىق تىزىملىكتە 2- ۋە 3-ئورۇنغا تىزىلغان، ئەمما بۇ قېتىم سناپدراگون 845 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئورۇن بوشاتقان.

باشقا يانفونلارنىڭ ھەممىسىگە سناپدراگون 835 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن، گەرچە ئالدىنقى بىر ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچ بولسىمۇ، ئەمما سناپدراگون 835 نىڭ ئىقتىدارى يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك، مۇشۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن يانفونلارنىڭ ھەممىسى 200 مىڭدىن ئارتۇق نومۇرغا ئېرىشكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • kapsiz2 كۈن ئىلگىرى

    ئۈچىنىچى ئايلىق دىگىنىنى كۆمىدىڭلامۇ شىياۋمى mix2s 3ئاينىڭ 27كۈنى ئىلان قىلىنغان تۇرسا لىكىن شىياۋمى كىرىپ قالسا بىرىنچى بولىشىدا گەپ يوق

  • 尼日 …ئەرلەر قوشماڭ يولدۇشۇم بار !2 كۈن ئىلگىرى

    مەنمۇ رۇڭياۋ v10ئشلىتىۋاتىمەن نوچىكەن ئشقىلىپ ئالدىغان ۋاقىتتا قانداق چىقار دەپ ئويلىغان ياخشى چىقتتى بولمىسا ھەم نىپىز شەكلىما چىرايلىق تۇكىما يىتىپ قۇيدۇ

  • ئەلى.2 كۈن ئىلگىرى

    شىياۋمى mix2sيوققۇ ،845سەپلەنگەن تۇرسا

  • 冰山游客2 كۈن ئىلگىرى

    شىياۋمى mix2s نى تىزماپتۇ، تىزىپ قالسا شاھلىق ئورنىغا چىقىدۇ

  • كارامەت2 كۈن ئىلگىرى

    ئۇندا ۋېۋو ئوپپو جانلا نىڭ كىرشىگە سالاھىيتى توشمايدۇ،ن

  • فارس3 كۈن ئىلگىرى

    بىرپىلوس ئالتىچۇ

  • مۇلايىم ،3 كۈن ئىلگىرى

    ئۆگىنىشتە قىسقا يول يوق ، لېكىن ئىمتىھانغا بىر نىمە دېمەك تەس

  • kapsiz09033 كۈن ئىلگىرى

    بۇ نەتىجىگە قارغاندا چىلىن 970بىلەن سىنەپدراگون 835نىڭ ئىقتىدارى ئاساسەن ئوخشاشكەن، لىكىن چىلىن ئەقلى ئىقتىدارلىقمىش، روڭياۋ v10غا كۆيدۈم مەن ھازىر ، چىلىن 980.990لا چىقسا 845بىلەن پۇت تېپىشەلىگۈدەك

  • قايدا سەن3 كۈن ئىلگىرى

    ۋىۋو ئوپپو يەنىلا كۈرۈنمەيدۇ ،،،، شىياۋمىنىڭ ئاخىرىغا تىزىلىپ قالسىمۇ تىزىملىككە كىرىپتۇ ،، سامسۇڭغا يەنە بىر قېتىم قايىلمەن،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号