باش بەت

نىجات

438يوللانما
65مەستانە

بوشلۇقتا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزمەكچى بولغان بوۋاينىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-02 23:17 1 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 2-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئەنگلىيىلىك بىر بوۋاي ئاسماندا تىك ئۇچار ئايروپىلاندا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا، ۋەقەگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن. دادىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ئۈچ ئوغۇل بۇ جەرياننى ئۆز كۆز بىلەن كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن. 

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2016-يىلى 10-ئايدا 85 ياشلىق بوۋاي  جون ماسېر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئۇنىڭغا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلاننى سوۋغا سۈپىتىدە ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلغان. 

تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەن شۇ كۈنى بوۋاي ئوغۇللىرىنىڭ چوڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ تىك ئۇچار ئايروپىلانغا چىقىشنىڭ ئالدىدا بالىلىرىغا قاراپ قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشقان. چوڭ ئوغلى تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنى سىنغا ئېلىپ، بۇ بەختلىك مىنۇتلارنى خاتىرىلىمەكچى بولغان. 

ئەمما، ئويلىمىغان يەردىن تىك ئۇچار ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئوت كەتكەن ھەمدە تېزلىك بىلەن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. تىك ئۇچار شىددەت بىلەن يەرگە چۈشۈپ سوقۇلغان ۋاقىتتا ھەممەيلەن ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن. 

چوڭ ئوغۇل روبېرت مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلىغىنىم بولسا دادامنى قۇتقۇزۇپ چىقىش، مەن دەرھال تىك ئۇچارنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن يامىشىپ چىقىپ، دادامنى كۆردۈم. بۇ چاغدا دادام ئاللىقاچان جان ئۈزگەن ئىكەن».

ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەقەگە شاھىد بولغان شېللىر ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەن بېشىدا ئۆزۈمنىڭ تۇرغان ئورنىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۆزۈمنى تىك ئۇچارنىڭ ھەممە يېرىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇم دەپ ھېس قىلغان ئىدىم. ئەمما ، ئويلىمىغان يەردىن تىك ئۇچار ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوت كېتىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى.»

تىك ئۇچار ھەيدىگۈچى خادىم ھامونىت ئېغىر يارىلانغاچقا، دوختۇرخانىدا بەش ھەپتە داۋالانغان. ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن خېلى مەزگىلگىچە ئېسىنى يوقىتىپ قويغان. ئەمما، كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ۋەقەگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ 1989-يىلى شەخسى تىك ئۇچار ئايروپىلان ھەيدەش گۇۋاھنامىسىگە ئىگە بولغان بولۇپ، ياۋا ئات P-51 ماركىلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋالغان. ئۇنىڭ 800 سائەتتىن 1000 سائەتكىچە بولغان ئۇچۇش تەجرىبىسى بار ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەخسىر1 ئاي ئىلگىرى

    تۇغۇلغان كۈنۈڭدە مۇرادىڭغا يىتىپسەندە پوقۋاش قىرى،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号