باش بەت

نۇسرەتگۈل

8452يوللانما
213مەستانە

ئارقىغا ئىككى قېتىم دومىلىغان ماشىنىنىڭ شوپۇرى يەڭگىل يارىلاندى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-13 11:03 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 12-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، بىر ۋىدېئودا بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان ئاپتوموبىل چىدامچانلىق مۇسابىقىسىدە رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدە تۇرىدىغان ماھىرنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدى چاقى مۇسابىقە جەريانىدا تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلۈپ ئىككى قېتىم دومىلىغان. بىراق، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، ماشىنىسى ئىككى قېتىم دومىلاپ كەتكەن بۇ ماھىر يەڭگىل يارىلانغان.

بۇ ماشىنىنى بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن مەتېۋوس ئىساكيان (Matevos Isaakyan) ھەيدىگەن. مۇسابىقە داۋاملىشىپ بەش سائەت بولغاندا ئىساكيان ئاخىرقى ھۇجۇمغا تەييارلاندى. بىراق، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى چاقى تۇيۇقسىز يەردىن ئايرىلىپ ئارقىغا ئىككىنى دومىلىغاندىن كېيىن ئۇدۇل مېڭىپ يول بويىدىكى توسۇققا سوقۇلۇپ توختىدى. بىراق، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، دومىلاش ۋە سوقۇلۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئىساكيان ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن يەڭگىل يارىلانغانلىقى بايقالدى.

نۆۋەتتە، ئۇنىڭ ماشىنىسىدا نېمە سەۋەبتىن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号