باش بەت

نۇسرەتگۈل

8452يوللانما
213مەستانە

گوللاندىيە ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ساياھەتچىلەرنى قاپلانلار قوغلاپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-13 12:25 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىرانسىيەدىن كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى گوللاندىيە تىلبېرگ شەھىرى سىرتىدىكى بىكسې بېرگېن ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئوينىغىلى كەلگەندە كىچىك بالىلىرىنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ قاپلان بىلەن يېقىن ئارىلىقتا سۈرەتكە تارتىپ قويماقچى بولدى، نەتىجىدە بىر نەچچە قاپلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ئەنگىلىيە «قۇياش گېزىتى»نىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاۋۋال بىر نەچچە قاپلان ئارام ئېلىۋاتقان رايوندا ماشىنىسىنى توختاتقاندىن كېيىن بىر ئەر پەسكە چۈشۈپ ۋىدېئوغا ئېلىشقا باشلىغان. ئارقىدىن، بىر ئايال بالىسىنى قۇچاقلىغىنىچە ئارقا ئىشىكتىن چۈشكەن. بىر ئازدىن كېيىن ئەتراپتا ئارام ئېلىۋاتقان قاپلانلار ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا باشلىغاندا ئۇلار دەرھال ماشىنىغا چىقىپ كېتىپ قالغان.

ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ دېرىكتورى نىيېل دې ۋىلدت (Niels de Wildt) بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تولىمۇ تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئۇ ۋاقىتتا قاپلانلارنىڭ قورسىقى ئانچە ئاچمىغان ھەم ئولجىمۇ ساقلىمايۋاتقان. شۇڭا بۇ جەرياندا قاپلانلار ئوۋچى ئەمەس، بەلكى باغچىنىڭ قاراۋۇلىغا ئوخشاش ئىنكاس بىلدۈرگەن» دېدى. 

خەۋەر قىلىنىشىچە، 2009-يىلى بۇ باغچىدىكى قاپلانلار بىر توققۇز ياشلىق بالىنى چىشلىۋالغان.

يېقىندا بىر ئەنگلىيەلىك جەنۇبىي ئافرىقىدا تەسىس قىلغان باغچىسىدا شىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ 2017-يىلى رۇسىيەدىكى بىر ھايۋاناتلار باغچىسى باشقۇرغۇچىسى قەپەسكە كىرگەندىن كېيىن بىر سىبېرىيە يولۋىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号