باش بەت

نۇسرەتگۈل

8452يوللانما
213مەستانە

كولومبىيەدە بىر ئىت مەست بولۇپ يىقىلىپ قالغان ئىگىسىگە ھېچكىمنى يېقىنلاشتۇرمىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-13 12:21 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 13-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، كولومبىيەدىكى بىر ئىت مەست بولۇپ كوچىدا يىقىلىپ قالغان ئىگىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ ساقچىلارنىمۇ، ئادەتتىكى ئادەملەرنىمۇ يېقىنلاشتۇرمىغان. بۇ كۆرۈنۈش تولىمۇ قىزىقارلىق ھەم تەسىرلىك.

ئەتراپتا تۇرغانلاردىن بىرەيلەن ھېلىقى مەست ئەرنى ئويغاتماقچى بولغاندا ئىت دەرھال قاۋاپ تاكى ئۇنى چېكىندۈرۈۋەتمىگۈچە بولدى قىلمىدى.

بىردەمدىن كېيىن بۇ ئىشنى بىر ساقچى كېلىپ بىر تەرەپ قىلدى. بىراق، ئۇ ئەرنى بىر نەرسە بىلەن نوقۇپ ئويغاتماقچى بولغاندا ئىت يەنە يول قويمىدى.

بۇ جەرياندا ئىت ساقچىغا قاراپ توختىماي قاۋىدى، يەنە تېخى ئىگىسىنىڭ يۈزلىرىنى يالاپ ئويغاتماقچى بولدى، ئۇنىڭ قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىدى.

ئاخىرىدا، ساقچى ئەتراپتىكىلەرنىڭ ياردىمىدە مەست ئەرنى ئويغىتىپ ساداقەتمەن ئىتىنىڭ ئۆزىنى قانداق قوغدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، بۇ ئەر ئاڭلاپ تەسىرلەنگىنىدىن ئۇنى سىيلاپ قويدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئ****گ1 ھەپتە ئىلگىرى

    كيىن ئۆزى ما كۆرنىشنى كۆسە قانچىلىك تەسىرلىنىپ كىتە

  • مەڭگۈلۈك چىمپىيون1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىت ۋاپا خوتۇن جاپا دەپتىكەن بۇرۇن بىرسى

  • srk fan1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىت ۋاپا خوتۇن جاپا

  • مارمارا1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىسىل ، بەك تەسىرلىككەن ، ......

  • قوشماقلىرىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئىتقا ئامراق، نان بەرگەن ئىگىسىگە كۇچىنىڭ يىتىشچە ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىدۇ، ھايۋان بولسمۇ قىلغاننى ئۇنۇتمايدۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号