باش بەت

قەدرۇس65

1638يوللانما
28مەستانە

ئۆز تارتىمغا چۈشۈش بىلەن بولۇپ كەتكەن ھىندىستانلىق ئەر-ئايالنىڭ قىزى پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-13 19:20 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 13-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-ماي ھىندىستانلىق بىر جۈپ ئەر-ئايال 10 ئايلىق قىزىنى ئېلىپ سودا ساراي چۆگلەۋاتقاندا ئۆز تارتىم چۈشۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ، قىزىنىڭ 3-قەۋەتتىكى ئاپتوماتىك پەلەمپەيدىن چۈشۈپ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ ۋەقە ھىندىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان راجاستان ئىشتاتى گانگاناگار بازىرىدىكى مەلۇم بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە يۈز بەرگەن. مال سېتىۋېلىش مەركىزىدىكى سىن كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، ئايال قىزىنى سول قولىدا كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئاپتوماتىك پەلەمپەيگە چىقىشتىن بۇرۇن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر پارچە ئۆز تارتىم سۈرەتكە چۈشكەن. لېكىن ئاپتوماتىك پەلەمپەيگە چىققاندا ئەر ئايالىنى يەنە بىر پارچە سۈرەتكە تارتىشقا بۇيرىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقە كېلىپ چىققان.

ئايال ئوڭ قولىغا يانفوننى ئالغاندىن كېيىن تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ سول قولىدىكى قىزى بوشىنىپ كەتكەن، قىز بوۋاق ئاۋۋال سول ئاپتوماتىك پەلەمپەينىڭ سول تەرىپىدىكى ئەينەككە ئۈسۈپ كەينىدىن پەسكە پەلەمپەي ئارىلىقىدىكى يوچۇقتىن 1-قەۋەتكە چۈشۈپ كەتكەن. ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئالاقزادە بولۇپ دەرھال 3-قەۋەتتىن 1-قەۋەتكە قاراپ يۈگۈرگەن، لېكىن نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، قىز بوۋاق يەرگە چۈشكەندىلا نەپىسى توختاپ بولغانىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号