باش بەت

نۇسرەتگۈل

8452يوللانما
213مەستانە

قاتناش ۋەقەسىنى كۆرگىلى بارغان ئەر قازا قىلغىنىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بايقىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-13 19:19 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 13-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەلىك بىر ئەر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بايقاپ يېقىن بېرىپ قارىغاندا، ئويلىمىغان يەردىن ماشىنىغا سوقۇلۇپ قازا قىلغىنىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئاخىرىدا، ۋەقە سادىر قىلغان شوپۇرلار تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان.

ئەنگلىيەلىك 57 ياشلىق خاگ دورېي (Hugh Dorey) ئەنگلىيە تىينۋىيېر ۋىلايىتى شىمالىي تىينسېد رايونىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كېچىسى ئۇنىڭ 18 ياشلىق ئوغلى ۋىليام دورېي (William Dorey) كېچىلىك يۈگۈرگىلى چىقىپ كەتكەن، ۋىليام دائىم مۇشۇنداق قىلىدىغان بولغاچقا، ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن.

ۋىليام يۈگۈرۈش ئۈچۈن ئەمدىلا سىرتقا چىققاندا 20 ياشلىق جوشۇئا چېرۇكارا (Joshua Cherukara) بىلەن 18 ياشلىق خاررىي كابل (Harry Cable) كوچىدا ماشىنىسىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ جوشۇئا ھەيدىگەن ماشىنا ۋىليامنى قاتتىق سوقۇۋېتىپ نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىدى، جوشۇئا بىلەن خاررى قولغا ئېلىندى.

قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە خاگ بىلەن ئايالى ئوغلىنى ئۆيىدە ساقلاۋاتاتتى، گەرچە بەكلا كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇنداق ۋەقەگە يولۇقۇشىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدى.

خاگ ئايالىنىڭ سۈيلىشى بىلەن ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقىپ ئوغلىنى ئىزدەشكە ماڭدى. بىراق، ئۇ ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بايقاپ ئايالىغا ئۆيىنىڭ يېنىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭمۇ كېلىپ قاراپ بېقىشىنى ئېيتتى.

بىراق، ساقچىلار خاگنىڭ ئوغلىنى ئىزدەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ قانداقلىقىنى سورىغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن تېپىلغان بۇيۇملارنى ئېلىپ ئۇلارغا كۆرسەتتى. خاگ ئەر-ئايال بۇ نەرسىلەرنى بىر كۆرۈپلا ئوغلىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ دوختۇرخانىغا جەسەتنى تونۇۋالغىلى باردى ھەم ئوغلىنىڭ يۈزىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋالدى. ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغىنى بۇ ۋىليام تۇغۇلغان دوختۇرخانا ئىدى.

جوشۇئا بىلەن خاررى جىنايىتىنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن جوشۇئا ئالتە يىل توققۇز ئايلىق، خاررى تۆت يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇلار جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يەنە ماشىنا ھەيدىشى تۆت يىل چەكلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号