باش بەت

خەندان

1713يوللانما
108مەستانە

ئانىلار بايرىمىدا ئانىڭىزغا گۈزەل تىلەكلەرنى يوللاشنى ئۇنۇتماڭ!

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-13 23:22 0 ئىنكاس چۈشتى

20180513183501855.jpg

بەيدۇ قامۇسى تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1. ئانا، ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغىنىڭىزغا مىڭ تەشەككۈر، سىز ماڭا ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگەتتىڭىز، كەلگۈسىدە مەيلى نېمە ئىش بولسۇن، مەن سىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن!

2. ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغىنىمدا، كۆز نۇرىڭىز ماڭا شىپالىق مەلھەم بولدى، مەغلۇب بولغىنىمدا، خۇش تەبەسسۇمىڭىز مېنى قەيسەر بولۇشقا ئۈندىدى، ماڭغىنىمدا، قەددىڭىز بىلەن ئۈمىد بېغىشلىدىڭىز، خىزمەت قىلغىنىمدا، تېلېفوندا بولسىمۇ مېنى ئەستىن چىقارمىدىڭىز. ئانىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك! سىزنىڭ بەختلىك ھەم ساغلام بولۇشىڭىزنى تىلەيمەن!

3. ئانا، ئىككى چېكىڭىزدىكى ئاق چاچلار يىللار يالدامىسى، پېشانىڭىزدىكى قورۇقلار دەۋر ئىزنالىرى، بىر جۈپ قولىڭىز مېھنەتكەش ئەجىرنىڭ مەھسۇلى، جاھاندا ئانىدىن ئۆزگە خالىس ئىنسان يوق، جاھاندا ئانا مېھرىدىن ئۆزگە مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببەت يوق. ئانا سىزنىڭ ساق-سالامەت، مەڭگۈ بەخت ئىچىدە ئۆتۈشىڭىزنى تىلەيمەن، ئانىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

 

4. ھەر بىر سەلكىن شامال سىم-سىم يامغۇر، ئاستا-ئاستا سىزنى يادىمغا سالىدۇ. ھەر بىر گۈزەل تىلەكلەرگە تويۇنغان قىسقا ئۇچۇرلار قەلبىمىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سىزدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، ئانىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

5. ماي ئېيى ئانىلار بايرىمى! قەدىردان ئانا، چىمەنگۈل مېنىڭ سىزگە بولغان مېھرىم ۋە مىننەتدارلىقىمنىڭ سىمۋولى، ئوغلىڭىز سىزنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىدۇ، جېنىم ئانا، چىن كۆڭلۈمدىن سىزگە بەخت-سائادەت، تىنچ-ئامانلىق تىلەيمەن، ئانىلار بايرىمىڭىز كۆڭۈللۈك ھەم گۈزەل ئۆتكەي!

6. شامال چىققاندا مۈرەمگە قويغان بىر جۈپ قولىڭىزنىڭ ھارارىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، تاكى چوڭ بولغۇچە ماڭا ھەمراھ بولغان ئەشۇ سىمايىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، مېنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىم ۋە خۇشاللىقىم ئۈچۈن ئۆزگىرىش ياسىغان تالاي يىللارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، سىزنىڭ كالېندارىڭىزدا پەقەت باھارلا بار، سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا پەقەت مېنىڭ بەختىم ۋە تەختىملا بار، بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق ئالاھىدە كۈنلەردە، ئانا توغراق يېشىدا ياشاڭ، مەڭگۈ ياش تۇرۇڭ، ئانىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

7. ئانا، بۇ ئون نەچچە يىلدىن بېرى جاپا چەكتىڭىز!، بۇنداق ئالاھىدە كۈندە سىزگە ئالاھىدە سالام يوللاشنى توغرا تاپتىم! سالامەت بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەيسىز! مەڭگۈ ياش، خۇشال-خورام تۇرغايسىز!

ئۇپا-ئەڭلىك بىھاجەت رەقىب، باغرىدا مەڭگۈ ئىللىقلىق بار، كوتۇلداشلىرىنىڭمۇ پايدىسى بار زىيىنى يوق، قەدىرلەشنى بىلمەسلىكنىڭ ئۆزى بىر ئازاب...بۇنداق ئالاھىدە كۈندە، ئانا ئۈنلۈك ئاۋازدا مۇنۇ بىر جۈملە سۆزنى دېگىلى قويۇڭ: ئانا! مەن سىزنى سۆيىمەن!

8. بىر ئۆمۈر تارتقان جاپالىرىڭىز ۋەجىدىن چاچلىرىڭىز قاردەك ئاقارغان بولسىمۇ، سىز مېنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ ياش ھەم چىرايلىق، مەڭگۈ ياش ۋە خۇشاللىق ئىچىدە تۇرغايسىز!

9. كۆزلىرىڭىزدە مېنىڭ سىمايىم، قوللىرىڭىزدا مېنىڭ سۈرىتىم، ئېغىزىڭىزدا مېنىڭ ئىش-ئىزلىرىم، قەلبىڭىزدە مېنىڭ بارلىقىم، ئانا، مەن سىزنىڭ بارلىقىڭىز بوپتىمەن، بىلەمسىز سىزمۇ مېنىڭ بارلىقىم، ئانىلار بايرىمى كەلدى، سىزنىڭ ساغلام ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزنى تىلەيمەن!

10. خۇش تىلەكلەر ئاز بولغىنى بىلەن قەلبىمدىكى سۆزلىرىم تۈگىمەس-پۈتمەس، قىسقىغىنە بىر قىسقا ئۇچۇر مېنىڭ سىزگە بولغان ئوتلۇق سالامىمنى ئېلىپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە مەن سىزنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق.

11. قايغۇنى ئۆزىڭىزگە، شادلىقنى ماڭا قالدۇراتتىڭىز، جاپانى ئۆزىڭىزگە، راھەتنى ماڭا قالدۇراتتىڭىز، تەرلەپ-پىشىشنى ئۆزىڭىزگە، ساقلىقنى ماڭا قالدۇراتتىڭىز، ئازابنى ئۆزىڭىزگە، مۇھەببەتنى ماڭا قالدۇراتتىڭىز، ئاپا...جېنىم ئاپا! قۇتلۇق بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

12. سىزگە بىر دەستە چىمەنگۈل ئەۋەتەي، خۇشبۇي گۈل ھىدلىرىدىن ۋۇجۇدىڭىز تەسكىن تاپقاي، سىزگە يەسىمەن گۈلىدە چاي دەملەپ بېرەي، تېنىڭىز روھلۇق ۋە تېتىك بولغاي، سىزگە كۆپرەك ھەمراھ بولاي، كۈلكە-چاقچاق ئىچىدە دىلىڭىز يايرىغاي. ئانىلار بايرىمى كەلدى، ئانا! ساق-سالامەت بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزنى تىلەيمەن!

13. ئانا جاپا چەكتىڭىز، مېنى بىر ئۆمۈر بېقىپ قاتارغا قوشتىڭىز، ماڭا ئادەم بولۇشنىڭ پىرىنسىپىنى ئۆگەتتىڭىز. سىزگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئوتلۇق تىلەكلىرىم بىلەن تەبرىكلەيمەن، شۇنداقلا پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ئانىلارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن!

14. ئانا مېھرى گويا بىر دەريا، ھاياتىڭ ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈندۇر، ئانا مېھرى بىر پىيالە چاي، ئۇ باغرىڭنى ئىللىتىپ قەلبىڭنى لەرزىگە سالىدۇ، ئانا مېھرى بىر ئىستاكان سۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈڭ تەسكىن تېپىپ، تەشنالىقىڭ قانىدۇ. ئانا، ئانىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! سىزنى چىن قەلبىمدىن چوڭقۇر سۆيىمەن!

 15. ئەزەلدىن سىزگە بىرەر نەرسە يېزىپ باقماپتىمەن، سىزگە «رەھمەت» دېگەندەك مىننەتدارلىق ئىبارىلىرىنى دەپ باقماپتىمەن، بىراق سىزنىڭ ماڭا قىلغان ئەجرىڭىز ۋە مېھرىڭىزنىڭ ھەممىسى قەلبىمدە!

16. جېنىم ئانا، سىز مىڭبىر جاپادا مېنى بېقىپ چوڭ قىلدىڭىز، بېشىڭىزدا ئاق چاچلار كۆپىيىپ قاپتۇ، سىزگە بىر گەپنى دېگۈم بار ئۇ بولسىمۇ «سىزنى سۆيىمەن ئانا!».

ئانىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

دۇنيادا سىز مەڭگۈ قەرزدار بىر ئىنسان بار ئۇ بولسىمۇ-----ئانا!

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号