باش بەت

زىيارەت

2645يوللانما
31مەستانە

ئىتالىيە بىرلەشمىسى 37-ئايلانما: ئاتلانتا 1:1 AC مىلان

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-14 09:31 1 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 14-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 0:00دە، 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 37-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە كۆك رەڭلىك ئىتالىيە توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاتلانتا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا AC مىلان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، كېلەر مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تىرىشىۋاتقان بۇ ئىككى كوماندا، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مۇداپىئە ئاساس بولغان تاكتىكا بىلەن تىركىشىپ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مېھمان مەيداندىكى  AC مىلان كوماندىسىدىن كېسسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى، مۇسابىقە تەتۈر ساناق باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا ساھىبخان مەيداندىكى ئاتلانتا كوماندىسىدىن ماسېللو بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش بولماي، ئاتلانتا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا AC مىلان كوماندىسى بىلەن 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى AC مىلان كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە بوي بەرمەي، ئۆز-ئارا ھۇجۇم قىلىشقان بولسىمۇ، مۇداپىئەگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەچكە، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەتەرلىك ھۇجۇم تەشكىللەش ئەھۋاللىرى ئاساسەن يۈز بەرمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

52 مىنۇت بولغاندا، ئاتلانتا كوماندىسىدىن كىرىستانتې سەپدىشى بىلەن ياخشى ماسلىشىپ، چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپنى قاپقىغا تەپتى، توپ مۇداپىئەچىنىڭ بەدىنىگە تەگكەندىن كېيىن قاپقا تۆمۈرىگە سۈركىلىپ، ياندىن چىقىپ كەتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتلانتا كوماندىسى بۇلۇڭ توپ باشلاپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى دۇننارۇمما توسۇۋالدى، ئاتلانتا كوماندىسىدىن كاردالا قاپقا بىلەن يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپمۇ توپنى كىرگۈزەلمىدى.

60 مىنۇت بولغاندا AC مىلان كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، مونتىلىۋونىڭ پاس بەرگەن توپىنى ئاتلانتا كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى توستى، قايتقان توپقا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن كېسسى قاپقىغا تەپتى، توپ ئوقتەك تېزلىكتە قاپقىنىڭ سول تەرىپىدىن قاپقىغا كىردى، مەيدان نەتىجىسى ئاتلانتا 1:0 AC مىلان.

64 مىنۇت بولغاندا ئاتلانتا كوماندىسىدىن تولوي، قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە رېپىرنى مەسخىرە قىلىپ چاۋاك چالغانلىقتىن، كەينى-كەينىدىن ئىككى سېرىق كارتا جازاسىغا ئۇچراپ مەيداندىن ھەيدەلدى.

75 مىنۇت بولغاندا، AC مىلان كوماندىسىدىن مونتىلىۋو ئاتلانتا كوماندىسىدىن گومېزنى پۇتلاپ يىقىتىۋەتتى، رېپىر مونتىلىۋونىڭ ھەركىتىنى قەستەنلىك ئارىلاشقان دەپ قارىغاچقا، بىۋاستە قىزىل كارتا جازاسى بېرىپ، مونتىلىۋونى مەيداندىن چىقىرىۋەتتى.

مۇسابىقە تەتۈر ساناق باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا ساھىبخان مەيداندىكى ئاتلانتا كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئاتلانتا كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، سەپدىشىنىڭ ئوڭ تەرەپتىن تاشلىغان پاس توپىنى ماسېللو قاپقا ئالدىدا قاڭقىپ چىقىپ كاللا بىلەن توپنى ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى ئاتلانتا 1:1 AC مىلان.

كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش يۈز بەرمىدى، ئاخىرىدا AC مىلان كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئاخىرقى مىنۇتتا توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ، 1:1 نەتىجىدە ئاتلانتا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، كېلەر مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي تۈردىكى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئارزۇسى بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدىكى سانسېرو توپ مەيدانىدا رېئاللىققا ئايلىنىدىغان بولدى.

  

  

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئا س مىلان مەستانىسى كاكا مەڭگۈ ئەڭ قالتىس،1 ھەپتە ئىلگىرى

    غەيرەت قىلىڭلار ئەزمەتلەر،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号