باش بەت

مېھرىگۈل

50يوللانما
38مەستانە

قىيىن كۈنگە قالغاندا ئاندىن چۈشىنىدىغان 10 ئېغىز سۆز

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 22:05 0 ئىنكاس چۈشتى
  1. بۇ دۇنيادا باشقىلارغا بەك تايىنىۋالماڭ. چۈنكى سايىڭىزمۇ قاراڭغۇلۇقتا سىزدىن ئايرىلىدۇ.

  2. نۇرغۇن ئىشلارنى سىز تېگىگە يەتكەندە بەرىبىر ھېس قىلمايسىز، بەلكى سىز بەرىبىر دەپ ئويلىغاندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇتلا چۈشىنىپ قالىسىز.

  3. پەقەت ھەقىقىي قىيىن كۈنگە قالغاندا ئاندىن كىمنىڭ سىزنىڭ غېمىڭىزنى يەيدىغان ئەخمەق، كىمنىڭ سىز بىلەن بىر يولدىكى ئەبلەخ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.

  4. كىشىلىك ھاياتتا شوتىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ بولغاندا شوتىنىڭ خاتا تامغا يۆلەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقاشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب يوق.


  5. ھېسسىيات ئېتىمەن دەپلا ئېتىپ توختاتقىلى بولىدىغان تۇرۇبا ئەمەس. ھېسسىيات باتارېيەگە ئوخشايدۇ، تاكى ئىچىدىكى ئېنىرگىيە پۈتۈنلەي تۈگىگەنگە قەدەر ئاستا-ئاستا خورايدۇ.

  6. نۇرغۇن نەرسىلەر يەل بېرىلگەن شارغا ئوخشايدۇ. قارىماققا گۈزەل كۆرۈنىدۇ، لېكىن نوقۇسىڭىز، سوقسىڭىز بولمايدۇ. شۇنداقلا سوقسىڭىز پاققىدە بىر ئاۋاز بىلەن ھەممىسى يوق بولىدۇ.

  7. سىزنىڭ بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئارزۇ-ئارمانىڭىز بولسا بۇنىڭ ياخشى كۆرۈش دەيمىز. ئەگەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئارزۇ-ئارمان، نەپسىڭىزدىن كېچەلىسىڭىز مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز. 

     

  8. ئەگەر بىر ئادەم پېشانىڭىزگە پۈتۈلگەن بولسا، ئۇ چوقۇم سىزگە تولۇق مۇناسىپ كېلىدۇ. زورلاش، تارتىشىش بولمايدۇ، ئازابمۇ بولمايدۇ، خۇددى ئاياغقا ئوخشاش.

  9. ھېچكىم يالغۇزلۇقنى خالىمايدۇ. لېكىن ئۈمىدسىزلىك، پەرۋاسىز قاراشلار، سوغۇق مۇئامىلەلەرگە سېلىشتۇرغاندا يالغۇزلۇق ئادەمگە خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ.

  1. بەزىدە بىز چوقۇم ئېغىزىمىزنى يۇمۇپ، مەغرۇرلۇقىمىزنى تاشلاپ ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. بۇ يېڭىلگەنلىكىگە تەن بېرىش ئەمەس بەلكى پىشىپ يېتىلىشتۇر.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号