باش بەت

زىيارەت

2646يوللانما
31مەستانە

ئىتالىيە بىرلەشمىسى 37-ئايلانما: ناپولى 0:2 سامپدورىيا

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-14 14:13 0 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 14-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە، 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 37-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە سامپدورىيا كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ناپولى كوماندىسى مېھمان مەيداندا سامپدورىيا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ناپولى كوماندىسىدىن مېرتىنس بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رېپىر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ناپولى كوماندىسىدىن زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن مىلىك بىر توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى، كەينىدىن ناپولى كوماندىسىدىن ئالبىئول كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى، ئاخىرىدا ناپولى كوماندىسى مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجە بىلەن سامپدورىيا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى ناپولى كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.

تۆت مىنۇت بولغاندا مېھمان مەيداندىكى ناپولى كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېرتىنس سەپدىشى يەتكۈزگەن كاللا پاسنى قاپقا ئالدىدا تېپىپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رېپىر مېرتىنسنى ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلغاچقا، كىرگەن توپ ئىناۋەتسىز قىلىندى.

18 مىنۇت بولغاندا ناپولى كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئالبىئول قاپقا ئالدىدا سەپدىشى تاشلىغان پاس توپنى قاپقىغا قارىتىپ ئۈسكەن بولسىمۇ، قاپقىچى چەبدەسلىك بىلەن توپنى توسۇپ چىقىرىۋەتتى.  

38 مىنۇت بولغاندا، ناپولى كوماندىسى ھۇجۇم قوزغاپ، زېلىنىسكىنىڭ يىراقتىن قاپقىغا تەپكەن توپىنى قاپقىچى چاققانلىق بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى.

41 مىنۇت بولغاندا ساھىبخان مەيداندىكى سامپدورىيا كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، فىرارى قاپقا ئالدىدا  توپنى قاتتىق بېسىم بىلەن ئۈسكەن بولسىمۇ، قاپقىچى يەنىلا توپنى توسۇپ چىقىرىۋەتتى.

62 مىنۇت بولغاندا، ناپولى كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئىنسېنى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە سەپدىشى بىلەن چىرايلىق ماسلىشىپ، ئىنسېنىنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن قاپقىغا تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى.

72 مىنۇت بولغاندا ناپولى كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئالاننىڭ پاس بېرىشى بىلەن زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن مىلىك توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى سامپدورىيا 1:0 ناپولى.

80 مىنۇت بولغاندا ناپولى كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئىنسېنىنىڭ قاپقىغا تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ناپولى كوماندىسى بۇلۇڭ توپ باشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئالبىئول قاپقا ئالدىدا سەپدىشى تاشلىغان پاس توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى سامپدورىيا 2:0 ناپولى.

كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا كۈچىگەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى، ئاخىرىدا ناپولى كوماندىسى مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجە بىلەن سامپدورىيا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بىرلەشمىنىڭ بۇ ئايلانما مۇسابىقىسىدە پەقەت ئۇتتۇرمىسىلا مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان يۇۋېنتۇس كوماندىسى مېھمان مەيداندا رىم كوماندىسى بىلەن 0:0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالغانلىقتىن، ناپولى كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش چۈشىنى بەربات قىلدى، ناپولى كوماندىسى بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىككىنچى ئورۇننى ئىگەللىدى.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号