باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11367يوللانما
1449مەستانە

گۇجېڭ، چېللو، دۇتتاردا چېلىنغان-سەككىز مىڭ چاقىرىملىق دوستلۇق

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-14 15:49 13 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈن ئېلان قىلىدىغىنىمىز بىر مۇزىكىلا ئەمەس، بەلكى سەككىز مىڭ چاقىرىملىق ئارىلىق ۋە 15 يىل ۋاقىتتىن ھالقىغان دوستلۇق ھېكايىسى. شېنياڭ مۇزىكا ئىنسىتىتۇتىنىڭ گۇجېڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن ياۋ، شىنجاڭ كۈيسۆيەر ئوركېستېرىنىڭ چېللو چالغۇچىسى سودىيەئاي مەخمۇت ۋە مەۋلانە ئانسامبىلىنىڭ ئەزاسى مەۋلان مەمتىمىن تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن بولغان بۇ ھېكايىنى ئۆز چالغۇلىرى ئارقىلىق سۆزلەيدۇ.

چېن ياۋ-گۇجېڭ.

سودىيەئاي مەخمۇت-چېللو.

مەۋلان مەمتىمىن-دۇتتار.

سەككىز مىڭ چاقىرىملىق دوستلۇق.

چېن ياۋ بىلەن سودىيەئاي

ئۇلار 15 يىل ئاۋۋالقى مەكتەپداش، ياتاقداش، ئەڭ مۇھىمى، بىر تۇغقان ئاچا-سىڭىللاردىن يېقىن دوستلاردىن ئىدى.

مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى، كۆپ قېتىم ئۇرۇنۇش ئارقىلىقمۇ بىر- بىرىنىڭ ئالاقە نومۇرىنى تاپالمىدى. ئون يىلدىن كېيىنكى 2015-يىلى ئۇلار ئاخىرى تېپىشتى.

ئۇلار يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ سەككىزمىڭ چاقىرىملىق ئارىلىق ۋە 15 يىل ۋاقىتتىن ھالقىغان بۇ دوستلۇق ھېكايىسىنى ئۆز مۇزىكىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئېيتىپ بېرىش قارارىغا كېلىشتى.

مەۋلان مەمتىمىن بۇ مۇزىكىنى خەلق ناخشىسىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەپ چىقتى.

سەككىز مىڭ چاقىرىملىق دوستلۇق

مۇزىكا دۇنيانىڭ ئورتاق تىلى

دوستلىرىمىزنىڭ بۇ مۇزىكا ئارقىلىق يىراق ئارىلىقتا تۇرىۋاتقان ئىككى دوستنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى، دوستلۇق رىشتىنى ھېس قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئېكران كەينىدىكى مېھنەتكەشلەر:

ئۆزگەرتكۈچى، چالغۇلاشتۇرغۇچى: مەۋلان مەمتىمىن

ئۈنئالغۇچى: مەۋلان مەمتىمىن

تەڭشىگۈچى: مەۋلان مەمتىمىن

ئوپىراتورلار: ئالىم، ئىمىنجان قەمىدىن، ئەسەت

مونتاژ، رەڭ: ئالىم

ئاخىرىدا دوستلىرىمىزنى بۇ مۇزىكىنىڭ زادى قايسى خەلق ناخشىسىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەنلىكىنى تېپىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمىز.

تاپالىغانلار ئىنكاس قالدۇرغايسىزلەر...

مەنبە: مەۋلانە سالونى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 189******041 ھەپتە ئىلگىرى

    تارىم دىگەندىن ئۆزگەرتكەن

  • قەيسەر راخمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن دوستلار كۆرۈشكەندىن كىيىن ئاندىن بۇ مۇزىكىنى چالغان.مۇزىكىدا ئىنىق قىلىپ ئايرىلىش ھەم سېغىنىش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن.
    مەنچىمۇ تارىم بۇيىدا دىگەن ناخشىدىن ئۆزلەشتۈردىمىكىن يەنى : بىللە ئويناپ،بىللە كۈلگەن
    كۆرۈشكەن يارلار خوش ئەمدى ..... دىگەن ئابزاسلار بەك ئوخشاپ تۇرىدۇ.

  • ئابلاجان ،1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەشرەپ يوق يەردە دىگەن ناخشا بىلەن ئاھاڭداش ئىكەن بايام 网易云 دىن چۈشۈرۋالدىم

  • arman1331 ھەپتە ئىلگىرى

    تارىم ناخشسى دەك قىلامدۇ

  • nur.uy1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھېسسىياتنى مۇزىكىلىق ئىپادىلىگىلى بولىدىكەن ھە.

  • فىروزە1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەشرەپ يوق يەردە دىگەن مۇزىكىغىراق ئوخشاۋاتىدۇ بىريەرلىرى

  • تەنھا 6181 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك مۇڭلۇقكەن بىرخىل ئادەمنى خىيالغا باشلايدىغان مۇزىكىكەن

  • ساۋۇت قاپاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    راۋابىمنىڭ ساداسى، جاراڭلايدۇ ھەر ياندا، مەن يايرىمنى سېغىنغاندا، مەن قارايمەن ھەر يانغا ..... دىگەن ناخشىنىڭ ئاھاڭىدىن ئۆزلەشتۇرگەن ئاھاڭكەن، شۇنداقتۇ،

  • بەرەڭگە1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەشرەپ يوق يەردە دىگەن خەلق ناخشىسىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەپتۇ ، ئاممالىكىن بەك ياخشى چىقىپتۇ

  • 135******651 ھەپتە ئىلگىرى

    بارغۇم يوق مېنىڭ ، چالغۇم يوق مېنىڭ ، مەشرەپ يوق يەردە چالغۇم يوق مېنىڭ…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号