باش بەت

ئەزىزە 124

94يوللانما
2مەستانە

دىققەت: توردا مودا بولۇۋاتقان بۇ ئورۇقلىتىش دورىلىرىدا چەكلەنگەن دورىلار بار ئىكەن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-14 20:24 2 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاماقتىن پەرھىز تۇتماي، ھەرىكەت قىلماي تۇرۇپمۇ، قەھۋە ئىچىپلا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ... ئىشىنەمسىز؟
بۇنداق مەھسۇلات تەبىئيلا يوشۇرۇن ئورۇقلاش ئېھتىياجى بار نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىدۇ، سىز سىناپ بېقىشنى تاللامسىز؟

جياڭسۇ خۇەيئەندىكى جۇ خانىم توردىن بىر خىل «سول ئايلانما كارنىتىنى قەھۋە پادىشاھى» دەپ ئاتىلىدىغان تور چولپىنى مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغان، ئەمما ھەر قېتىم ئىچكەندىن كېيىن، بېشى قايغاندەك ھېس قىلغان ۋە قۇسقان.
ئۇ بۇ دېلو مىسالىنىڭ بەش ئۆلكە ھالقىغان ئالتە شەھەر، زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش سېتىش دېلوسىنى سۆرەپ چىقىشىنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھەرلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ خىل «سول ئايلانما كارنىتىنى قەھۋە پادىشاھى»دا سول ئايلانما كارنىتىنىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبى يوق بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىچىدىن تۇز كىسلاتاسى سىبۇكۇلار چۈمىڭ، فتالېئىن قاتارلىق دۆلەت دورا تەركىبىگە قوشۇش مەنئى قىلىنغان تەركىبلەر تەكشۈرۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ يىپ ئۇچى جياڭسۇ خۇەيئەن ساقچى تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئۇلار دەرھال مەخسۇس رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

جياڭسۇنىڭ خۇەيئەن شەھىرى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شۆبە ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىدىكى يى زىيۈ مۇنداق دېدى:
بىز بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتنى تاپتۇق، زاۋۇت راستتىنلا مەۋجۇت، ئەمما زاۋۇت بۇ مەھسۇلاتنىڭ زاۋۇت ئىچىدە ئەزەلدىن ئىشلەپ باقمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كونسېرۋا ئۈستىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە نومۇرىنىڭ بۇرۇنلا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاللىقاچان ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ساقچىلار بۇ خىل ئورۇقلاش مەھسۇلاتىنى توردا ساتقان جياڭسۇ شيۇچياڭ ئاھالىسى سۇن فامىلىلىك ئەر-ئايال ۋە ۋاڭ فامىلىلىك ئەرنى قولغا چۈشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ بىر نەچچە ئادەمنىڭ پەقەت سېتىشقىلا مەسئۇل ئىكەنلىكى، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ باشقا ئادەم ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
بىر مەزگىل داۋاملىق تەھقىقلەش ئارقىلىق، بارلىق يىپ ئۇچىنىڭ يۆنىلىشى شۈ فامىلىلىك بىر ئايالغا قارىتىلغان. ساقچىلار پۈتكۈل دېلوغا چېتىشلىق بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ۋە توردا سېتىش  قاتارلىق مۇكەممەل پايدا زەنجىرىنى بايقىغان.

ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل «سول ئايلانما كارنىتىنى قەھۋە پادىشاھى»نىڭ دەسلەپكى تۈركۈم باھاسى ھەر توننىسىنىڭ 18 مىڭ يۈەن بولۇپ، لېكىن، ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىنكى سېتىلىش باھاسى بىر قۇتىسى69 يۈەن، بىر قۇتىسى 300 گرام، مۇشۇ بويىچە ھېساپلىغاندا پايدا نەچچە ھەسسە ئاشقان.
دەل مۇشۇنداق يۇقىرى نەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى بىخەتەرلىكىنى بىر ياققا قايرىپ قويغان. ئاخىرىدا، ساقچىلار دېلونىڭ جىنايەت گۇماندارى شۈ فامىلىلىكنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، شۈ فامىلىلىك ئىشلەپچىقىرىش، زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىشقا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى تاپشۇرغان.

جياڭسۇ خۇەيئەن تەرەققىيات رايونىدىكى ساقچىلار ئاخىرى بۇ قېتىملىق دېلودىكى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش، توردا سېتىش قاتارلىق تۆت چوڭ ھالقا مەنپەئەت زەنجىرىنى قاتلاممۇ قاتلام قېزىپ چىقىپ، جەمئىي 12 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان، 8 توننا زەھەرلىك، زىيانلىق «سول ئايلانما كارنىتىنى قەھۋە پادىشاھى» نى قولغا چۈشۈرگەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بازارغا كىرگەن10 توننا ساختا ئورۇقلاش مەھسۇلاتىنى، ساقچى تەرەپ ھازىر ئېقىش يۆنىلىشى بويىچە ئىز قوغلىماقتا.
نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • باتۇخان1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىزلىرىمىزغا ئورۇقلايسىز دېسە پوقنىمۇ يەيدۇ، ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، ئەقىل كۆزى بىلەن قارىمايدۇ بىر ئىشلارغا

  • w****z1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇيغۇرچە خىتىنى باكەنيۇ دىمەك ئەتراپىمىزدىمۇ با دىگەن گەپ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号