باش بەت

ئادىلجان

7509يوللانما
128مەستانە

دىسنېي باغچىسىدىكى مېخانىك ئەجدىھاغا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-15 16:20 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بەلكىم سىز دىسنېي باغچىسىدا تۇرغىنىڭىزدا بىر قىسىم خەتەرلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىڭىز ئۇنى قىزىقارلىق ئويۇننىڭ بىر قىسمى دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. يېقىندا چەتئەللىك تورداش بىر مېخانىك ئەجدىھاغا ئوت كەتكەن كۆرۈنۈشنى تورغا ھەمبەھرلىدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئەجدىھا «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» سېرىق رەڭ Maleficent ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، ئۇ نومۇر كۆرسىتىۋاتقاندا باش قىسمىغا ئوت كەتكەن. 

ئەمما بۇ ۋاقىتتا ساياھەتچىلەر ئالاقزادە بولماستىن ئەكسىچە يانفونلىرىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتقان، باغچە خىزمەتچىسى قولىغا ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپ ئەجدىھانىڭ بېشىدىكى ئوتقا پۈركىگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ ئويۇن ئەمەسلىكىنى بىلگەن. 

كېيىن ئەجدىھانىڭ بېشى چۈشۈپ كەتكەن، يەنى بۇ ئەجدىھا خېلى زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 

باغچە خادىملىرى بىخەتەرلىك ئۈچۈن يەرلىكتىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىغا تېلېفون ئۇرغان، ئەمما ئۇلار يېتىپ كەلگەندە ئوت ئۆچۈپ بولغان بولۇپ، بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالىرى كۆرۈلمىگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号