باش بەت

نۇسرەتگۈل

8452يوللانما
213مەستانە

ھىندىستانلىق قىز ئانىسىنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ پويىز ئاستىغا كىرىپ كەتكىلى تاس قالدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-15 15:47 2 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 15-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندىكى بىر بەش ياشلىق قىز ئانىسى بىلەن بىللە پويىزغا چىقىش ئۈچۈن ئالدىراپ كېتىۋاتقاندا ئويلىمىغان يەردىن ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتكەن، بىر ياندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇچقاندەك ئېتىلىپ بېرىپ رېلىسقا يىقىلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان قىزنى تۇتۇۋېلىپ تاساددىپىيلىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

بۇ ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە ئالدىراش ماخارا كاسىنو بېكىتىدە يۈز بەرگەن. قىزىل كۆينەك كىيگەن بۇ قىز ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە بومبايدىن پويىزغا چىقىپ ئۆيىگە قايتماقچى بولغان. بىراق، پويىز قوزغىلىپ كېتىپ ئانا پويىزغا سەكرەپ چىقماقچى بولغاندا قىز ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن چۈشۈپ قېلىپ سۇپا بىلەن رېلىس ئارىلىقىدىكى بوش يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتتا پويىزنىڭ سۈرئىتى تېزلەۋاتقان بولۇپ، قىز رېلىس ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىپ تىراگېدىيە يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ياندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى ساچىن پۇل (Sachin Pol) دەرھال ئېتىلىپ بېرىپ قىزنى سۇپىنىڭ بىخەتەر تەرىپىدە تۇتۇۋالغان. 

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن قىزنىڭ دادىسى دىشان (Dishaan): «ئەينى ۋاقىتتا پويىزغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن مەن ئالدىدا ماڭغان، ئايالىم بالىنى ئېلىپ كەينىدە ماڭغان، مەن پويىزغا چىقىشتىن ئىلگىرى پويىز جىم تۇرغانىدى، بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي سۈرئىتى تېزلەپ كەتتى. ئەر-ئايال ئىككىمىز ئۇ ساقچىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ساقچى بىلەن قىزنىڭ يەڭگىل يارىلانغانلىقى مەلۇم بولدى.

پولنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى تارقالغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئۇنى مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تاماخور1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھىندىستاننىڭ ياخشى يەلىرنى پەقەت سىزلا كۆرمەيدىغان ئوخشايسىز ، ئۆز مىللەتنىڭ ئەيىپى ئەيىپ ئەمەس يات مىللەتنىڭكىنى بەك كۈرۈمىز ئەمەسمۇ ،

  • فىرقەت1 ھەپتە ئىلگىرى

    ما خەۋەر ھىندىستاننىڭمۇ يا بىرە قىتىم بولسىمۇ ياخشى ئىشلىرى چىقىدىكەن ئۇ دۆلەتنىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号