باش بەت

نىجات

443يوللانما
56مەستانە

رازۋېدكا ئىقتىدارىڭىزنى سىنايدىغان سوئاللار (5)

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 20:54 10 ئىنكاس چۈشتى

 بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

 1. ئانىنىڭ قولى.

شياۋمىڭ دائىم ئانىسىنىڭ كارىۋىتىنىڭ يېنىدىكى كىچىك كارىۋاتتا ئۇخلايتتى. ھەر كۈنى كېچىسى شياۋمىڭنىڭ ئانىسى قولىنى يوتقاندىن چىقىرىپ، شىياۋمىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ قوياتتى، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا شياۋمىڭ خاتىرجەم ئۇيقۇغا كېتەتتى. بىر كۈنى، شياۋمىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايقالدى. شياۋمىڭنىڭ دادىسى باشقىلار تەرىپىدىن چانىلىپ گۆش قىيمىسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئانىسى ۋە شياۋمىڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. شياۋمىڭنىڭ قولىدا قانغا مىلەنگەن بىر بىلەك تۇراتتى، ئۇنداقتا سىز شياۋمىنىڭ ئۆيىدە زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ 

2. يېشىل كىيىم. 

ئەسكەرلىكتىن چېكىنگىلى ئۇزۇن بولغان پېشقەدەم ئەسكەر بىر كۈنى كېچىسى ھاجەتكە چىقماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئايالىنىڭ يېنىدا ياتمىغانلىقىنى، ياستۇقنىڭ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ گۇمانلىنىپ ھاجەتخانىغا كىرىپتۇ، ئۇ ھاجەتخانىغا كىرگەندە بىر يېشىل رەڭلىك كىيىمنىڭ تەرەت قاچىسى ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى قورقۇپ كېتىپتۇ. ئۇنداقتا بوۋاي زادى نېمە ئۈچۈن بۇنچە قورقۇپ كېتىدۇ؟ 

3. سائەت 7:20 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت. 

بىر ئەر ئادەتتە ئايروپىلاندا ئولتۇرۇشتىن ناھايىتى قورقىدىكەن، ئەمما خىزمەت سەۋەبىدىن ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بېرىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا چىقماي ئامالى يوقكەن، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ دۆلەتلەر ئارا ۋاقىت پەرقىگە پەقەت ماسلىشالمايدىكەن. بىر قېتىم ئۇ قىتئە ئاتلاپ بىر دۆلەتكە بېرىپتۇ. ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشۈپ قول سائىتىگە قاراپ، سائەتنىڭ 7دىن 20مىنۇت ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈپلا، قاتتىق يىغلاپ ئارقىدىن ئۆلۈۋاپتۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ 

4. ئاچقۇچ. 

بىر سۇغۇرتا ساتقۇچى خادىم ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، تاللا بازىرىغا بېرىپ، قىز دوستىغا روژدېستۋو بايرىمىلىق سوۋغا ئالماقچى بوپتۇ. ئۇ تاللا بازىرىغا بارغاندىن كېيىن، ئاينىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر زەنجىرنى قىز دوستىغا سېتىۋاپتۇ. ئۇ تاللا بازىرىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، بىر قىزچاقنىڭ يول بويىدا يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ قاراپ، قىزنىڭ مەيدىسىدە ساڭگىلاپ تۇرغان بىر توپ ئاچقۇچنى كۆرۈپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ساقچى تەرەپ ھېلىقى قىزنىڭ يالىڭاچ جەسىتىنى يول بويىدىن بايقاپتۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىش زادى قانداق يۈز بەرگەن؟ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىڭ. 

5. يېرىم پارچە سۈرەت. 

قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئارىلىشىۋاتقىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغان ئىدى. بېشىدا يىگىت ئاۋۋال قىزنى قوغلاشقان ئىدى. قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، يىگىت ئۇنىڭغا بىر مۇزىكا قۇتىسى سوۋغا قىپتۇ، گەرچە بۇ مۇزىكا قۇتىسى كونا بولسىمۇ، ئەمما قىز ناھايىتى ياقتۇرۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىز ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇ مۇزىكا قۇتىسىنى چېقىپ قويۇپتۇ، شۇ جەرياندا بۇ مۇزىكا قۇتىسىنىڭ ئىچىدە يېرىم پارچە كونا سۈرەتنىڭ بارلىقىنى بايقاپتۇ. بۇ ناھايىتى سۇس ھەم تۇتۇق بولغان ئىتنىڭ سۈرىتى ئىدى. ئەمما قىز بۇنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كېتىپ ئۆلۈپ قاپتۇ، ئۇنداقتا بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ 

(ئەسكەرتىش: سۈرەت بىلەن مەزمۇننىڭ باغلىنىشىلىقى يوق). 

ئەگەردە جاۋابىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، نۇر تورى سالونىغا كىرىپ، 516 رەقىمىنى يوللىسىڭىز سىزگە يوللاپ بېرىمىز.

سالون ئىزدەش نومۇرى: nurhawar

باش سۈرەت تاللاش x
  • 警丶祖力1 ھەپتە ئىلگىرى

    خۇددى بىر كۈنى ئۆيگە مېڭۋېتىپ يىقىلىپ كەتتىم، زادى نېمە ئۈچۈن يىقىلىپ كېتىمەن دېگەندەك؟

  • گۇلنۇر1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ نەدىمۇ رازۋىتكا ھېكايسى بولسۇن.

  • رونالدو توپ ئۇرۇش شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك مازلىشىپ كەتتى بۇلدى قىلىڭلار

  • KURBANJAN41 ھەپتە ئىلگىرى

    لاۋزىلىقتا ئۇچىغا چىققان بىر نىمىلەركەنغۇ بۇ، جاۋابلىرى سوئالدىن ئۆتە تايىنى يوق تېخى

  • LOLھەۋەسكارى1 ھەپتە ئىلگىرى

    1-3 سانىغىچە ياخشى ئىدى … 4-5 ساندىن باشلاپ تۋتىقسىز بۇلۇپ قالغىلى تۇردى

  • Mn.....1 ھەپتە ئىلگىرى

    ساپلا ھىكايىغۇ بۇ بەك لاۋزىلىشىپ كەتتىڭلا ،

  • كايجى1 ھەپتە ئىلگىرى

    تېپىشمىقىڭلارنىڭ بارغانسېرى تايىنى قالمىغىنى تۇردى . ئىبرەتلىك ھېكايىلەرنىڭمۇ يېشىمىنى ئېلىۋېتىپ تېپىشماق دەپ يوللاپ

  • گۈلبەشىكەر1211 ھەپتە ئىلگىرى

    قانداق يوللايمىز بىلەلمىدىم

  • ئىلياسجان1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىرىنچىسىنىڭ جاۋابى پەقەت قاملاشماپتۇغۇ ئۈزىنىڭكىنى كەسكۈچە قىز بالنىڭكىنى كەسسە بولىدۇغۇ

  • بىرسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەمما لېكىن ۋە بىراق غەزەب تايىنى يوق ماز بەش ياشلىق كىچىك بالىنىڭ ھېكايىسىدەك ساپاسى يوق سوئاللارنى تولا يوللىدىڭلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号