باش بەت

مېھرىگۈل

41يوللانما
38مەستانە

پۇلىڭىز ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئائىلىڭىز بەختلىك بولمىسا بىكار

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 22:27 0 ئىنكاس چۈشتى

ئادەم بىر ئۆمرىنى زادى قانداق ئۆتكۈزسە ئاندىن ئۇتۇق قازانغان، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئۇتۇق قازانغۇچى بولۇش تولىمۇ ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ ئىجىل-ئىناق ئۆتىدىغان بەختلىك ئائىلىسى بولۇش!

كىشىلىك ھايات ئاچچىق ھەم قىسقا. ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بولىدۇ. پەقەت ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ خالاس. بىراق بىز بەك ئاچكۆز بولساق قەتئىي بولمايدۇ!

قانائەت قىلىش، قانائەتچان بولۇش بەختنىڭ مەنبەسىدۇر!

ئارزۇ-ئارمانلار شۇنداقلا ھەددىدىن ئېشىپ زىيادە ئاچكۆز بولۇپ كەتكەندە، بەختنىڭ سۈپىتىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ!

بەختنىڭ سۈپىتى، ماھىيىتىمۇ ئۆزگىرىپ كەتسە، بۇ ھاياتنىڭ يەنە قانداقمۇ ئەھمىيىتى بولسۇن؟

شۇڭا ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت ھەرگىزمۇ سىزنىڭ قانچىلىك پۇلىڭىز بارلىقى ياكى قانچىلىك چوڭ ھوقۇقىڭىز بارلىقى ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىللىق بەختلىك ئائىلىڭىزنىڭ بولغانلىقىدۇر!

ئادەم بۇ دۇنيادا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى تونۇشى كېرەك: قېرىنداشلىق مېھرىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، قېرىنداشلىق مېھرى تېپىلغۇسىز بىباھا گۆھەردۇر!

بۈگۈنكى جەمئىيەتتە كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزى ئۈچۈن ياكى خىزمىتى ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى تاشلاپ قويىدۇ: ھەتتا بەزىلەر ئازراق مەنپەئەتى ئۈچۈن ساتقىنلىق قىلىدۇ! بۇنداق ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى ھەرقانچە ياخشى ئۆتسىمۇ، ئۆزى ئازاب ئىچىدە ئۆتىدۇ. بەختنىڭ تەمىنى، لەززىتىنى ھېس قىلالمايدۇ!

ھەقىقىي ئۇتۇق، مۇۋەپپەقىيەت بولسا ئىللىق، بەختلىك ئائىلىسى بولۇش!

ۋاستە تاللىماي پۇل تاپسىڭىز كۆڭلىڭىز ئارامىدا بولمايدۇ؛

كۆز بويامچىلىق بىلەن پۇل تاپسىڭىز بىئارام بولىسىز؛

ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن ئۇتۇق قازىنىش ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلانمايدۇ!

ھەقىقىي ئۇتۇق قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى كاتتا بايلار ئەمەس بەلكى ئىللىق بەختلىك ئائىلىسى بار كىشىلەردۇر!

مېھىر-مۇھەببەت بار، ئائىلىڭىز بار بولسا شۇنىڭ ئۆزى بىر مۇۋەپپەقىيەت، بۇ چاغدىكى سىز تەبىئىيلا بىر ئۇتۇق ئىگىسى!

ئۆيدىكىلەر بىزنىڭ بەك ئالاھىدە ياشاپ كېتىشلىرىمىزگە موھتاج ئەمەس، ئۇلار پەقەت بىزنىڭ بەختلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ!

كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ بەخت ئەمەلىيەتتە شۇنچىلىك ئاددىي!

ئۇ بولسىمۇ سىزنى سۆيىدىغان ھەم سىز سۆيىدىغان ئۆيدىكىلەرنىڭ بولۇشى، بەختكە چۆمۈلگەن ئىللىق ئائىلىڭىزنىڭ بولۇشىدۇر!

ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە سېغىنىشى بولغاندىلا سىز بىر ھەقىقىي ئۇتۇق قازانغۇچى بولالايسىز!

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号