باش بەت

ئادىلجان

7509يوللانما
128مەستانە

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋىدىيوسىدا ھاۋايدىكى يانار تاغ ماگمىلىرىنىڭ ئېقىش ئەھۋالى كۆرسىتىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-15 20:47 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 15-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇسى BGRنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ھاۋاي ئارىلىدىكى كىلائۇۋا يانار تېغى ئەمدىلا پارتىلىغان ۋاقىتتا بىر دوكلاتتا يانار تاغ ۋولقانلىرى تۇرالغۇ رايونى ئەتراپىدىكى يەر يۈزىدىن ئېتىلىپ چىققانلىقى، ئەمما ئېقىش سۈرئىتى بەكلا ئاستا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەمما بۇ خىل ئەھۋالدا ناھايىتى تېزلا ئۆزگىرىش بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاستا ئاققان ماگمىلار ئاخىرىدا ئاھالىلەر رايونىغا كىرگەن ھەمدە ئۆي ۋە ئاپتوموبىللارنى ۋەيران قىلغان. Leilani Estates ئەتراپىدا تارتىلغان بىر بۆلەك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋىدىيوسىدا ماگمىلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسى ئەڭ يېڭى شەكىلدە كۆرسىتىلگەن. 

بۇ جېرېمىئا ئوسۇنا تەرىپىدىن تارتىلغان ھەمدە تورغا يوللانغان ۋىدىيو ماگمىلارنىڭ كۆلىمىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي چېكىندۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتكەن. ھازىر سوۋۇغان ماگما بىر چوڭ يولنى قاپلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر چوڭ رايوننى ۋەيران قىلىپ، بۇ رايوننى خارابىلىققا ئايلاندۇرغان. تۇمان ۋە ماگما كۈلى يىراقتىن داۋاملىق ئۆرلەپ تۇرغان بولۇپ، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئاخىرلاشمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. 

ھاۋاي يانار تاغ رەسەتخانىسى 13-ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ ماگما ئېقىمى تېخى توختىمىغان. كەچ سائەت يەتتە ئەتراپىدا بىر ئورۇندىكى ماگما 132-نومۇرلۇق تاش يولنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، 132-نومۇرلۇق تاش يول بىلەن نونى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ كېسىش ئېغىزىنىڭ شەرقىگە 800 مېتىر كېلىدىدغان ئورۇنغا كەلگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号