باش بەت

abdulaziz

1329يوللانما
12مەستانە

ما يۈن پۈتۈن بايلىقىنى بانكىدا قويسا بىر كۈندە قانچىلىك ئۆسۈمى چىقىدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 12:00 11 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 15-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ما يۈن جۇڭگودىكى ئەڭ پۇلدار كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. جۇڭگودىكى بىرىنچى بايغا ئايلانغاندىن كېيىن، ما يۈن «ھازىر مەن ئۈچۈن پۇل تېپىش ئاسان، پۇل خەجلەش تەس بولۇپ قالدى» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى جۇڭگودىكى سان-ساناقسىز كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قىزارتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ما يۈننىڭ سۆزلىرىدىكى «پۇل خەجلەش» ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىكى خەجلەش ئەمەس، بەلكى بۇ پۇللارنى قانداق باشقۇرۇش ئىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەلى بابا جۇڭگودىكى نەچچە يۈز مىليون كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ ئالاقىسى بار دۆلەت ھالقىغان چوڭ گۇرۇھ.

ئۇنداقتا ما يۈننىڭ زادى قانچىلىك پۇلى بار؟ بۇ پۇللارنى بانكىدا ساقلىسا قانچىلىك ئۆسۈمى چىقىدۇ؟ بۇ شۈبھىسىزكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىنتايىن قىزىقىدىغان سوئال. ما يۈن ئەلى بابادا ئىگىلىگەن پېيىنى سېتىۋەتسە 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىققا ئېرىشىدىكەن، بۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 250 مىليارد يۈەن بولىدۇ. بۇنچە كۆپ پۇلنى ئەگەر بىرەر ئۆيگە سىغدۇرىمەن دېسەكمۇ چوقۇم نەچچە قەۋەتلىك ئۆي بولۇشى كېرەك. ھەممىمىزگە ئايانكى، پۇل ئىشلەتمىسە بىر كېرەكسىز قەغەزدىن ئىبارەت، بولۇپمۇ چوڭ بايلارنىڭ نەزىرىدە پۇلنى پۇل تاپقۇزۇش بايلىق باشقۇرۇشنىڭ تۈپكى يولى. ئەگەر بىز مەبلەغ سېلىش قاتارلىق باشقا يوللارنى ئويلاشمىساق ئۇ چاغدا پۇللارنى بانكىغا قويۇش ئەڭ ئاددىي پۇل تېپىش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ما يۈن بۇ 250 مىليارد يۈەن پۇلنى بانكىدا قويماقچى بولسا، ئۇنداقتا جۇڭگودىكى ھەرقايسى چوڭ بانكىلارنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىقلىرى ئۆزلىرى كېلىپ ما يۈنگە ياخشىچاق بولۇشى كېرەك.

ئەگەر بانكىنىڭ %3 يىللىق ئۆسۈمى بويىچە ھېسابلىساق، ما يۈننىڭ 250 مىليارد پۇلى بىر يىلدا 700 مىليوندىن ئارتۇق ئۆسۈم قوشىلىدۇ، بۇنى كۈنگە سۇندۇرساق، كۈنىگە ئىككى مىليون يۈەن ئۆسۈم كىرىمى بولىدۇ. ئويلاپ باقىدىغان بولساق، بۇ ھەقىقەتەن بىر ئاستىرونومىيەلىك سان، ئۇنىڭ پۇللىرىنىڭ كۈنلۈك ئۆسۈمىلا ئىككى مىليون، ئىككى مىليون پۇلنى كۆپىنچە جۇڭگولۇقلار بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ تاپالمايدۇ.

يۇقىرىقىسى تېخى بانكىنىڭ ئۆسۈمى، ئەمەلىيەتتە جۇڭگودا بانكىغا ئوخشىشىپ قالىدىغان يەنە بىر پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى بار، ئۇ بولسىمۇ چىقىمدان. چىقىمدانى ما يۈننىڭ جۇڭگودا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋەزىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى، بانكىغا ئوخشاش ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان ئورگاننى خېرىدارلارغا ياخشىچاق بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈردى. چۈنكى ئۇنىڭدا پۇل ساقلىسا ئۆسۈمى بانكىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى چىقىدىغان بولۇپ، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر بانكىدىن چىقىمداندا پۇل ساقلاشقا ئۆتۈشكە باشلىدى.

  شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ما يۈن بۇ پۇللىرىنى بانكىدا ئەمەس چىقىمداندا ساقلىسا، ئۇنداقتا يىللىق ئۆسۈمى بىر مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، كۈنگە سۇندۇرغاندا كۈنلۈك ئۆسۈمىمۇ ئون مىليونغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. بۇنچە كۆپ پۇلنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ كەتمەڭ، ئەمەلىيەتتە ما يۈن دۇنيادىكى بايلار رەت-تەرتىپىدە «ئارانلا» 20-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ پۇلدار كىشىلەر تېخى كۆپ، پەقەتلا نامراتلىق بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى چۈشەپ قويدى خالاس.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 爱过,不能后悔6 كۈن ئىلگىرى

    ھازىر ماڭا كۈندە 20 كوي بولسىلا مەكتىپىمنى خاتىرجەم ئوقۇپ تاماملىيالايمەن،ئىككى مىلىيون دەيدىغۇ تېخى

  • دوسلۇق6 كۈن ئىلگىرى

    قۇرۇق گەپ دېگەن تورداش.بۇ خەۋەرنى ئوقۇماپتۇ.ماۋزۇغا قاراپلا ئىنكاس يېزىپتۇ.

  • mukam.6 كۈن ئىلگىرى

    مېنىڭمۇ مايۈننىڭكىدەك. بولمىسا مەيلى.، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ مىڭ دەن بىر چەك پۇلۇم بولغان بولسا مەيلى ئىدى.

  • خۇتەنلىك شاش6 كۈن ئىلگىرى

    بىر ئومۇر ئىشلەپمۇ شۇنچىلىك جىق پۇلنى تۇتۇپ بىقىش پۇرسىتىگىمۇ ئىرشەلمەيمىز

  • ئازاپلىما6 كۈن ئىلگىرى

    راسمىدۇ ؟ 250 مىليارد!!!! پەقەت ئىشەنگۈم كەممىدى،
    يەنە تىخى كۈنىگە ئىككى مىليون ئۈسۈم، ئاز سان ئەمەس

  • pey199312136 كۈن ئىلگىرى

    بۇلار پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ ،ئارزۇسى ئۈچۈن

  • قارا ھىجىران1166 كۈن ئىلگىرى

    پۇلى كۈپ بولسا تخى باش ئاغرىيدىكەن يوق بولساتخى سۈيى بايارنىڭ ئوتى يوق ئوتى با يەرنىڭ سۈيى بىركەم دۇنيا دىگەن شۇ

  • ئۇنى بۇنى دىمە6 كۈن ئىلگىرى

    مىيەدە بىر پەيلاسۇپ قۇرۇق گەپ دەيدىغۇ، يانپاشقا ئۇرۇپ تاپقان گەپتەك بىلىنىۋاتامدۇ ساڭا بۇلار

  • MIDOZA6 كۈن ئىلگىرى

    باياتىن بېرى قىزىقىپ ئوقۇۋاتقانتىم ھەجەپ ئېلان ئوقۇغاندەك ھېس قىپ قالدىميا

  • غېرىپلىق6 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى قىلدى بۇ مايۈن بانىكلانىڭ ئىشى قالمىدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号