باش بەت

نۇسرەتگۈل

8452يوللانما
213مەستانە

ئامېرىكا ئورمانلىقىدىن «تاشقى پىلانېت جانلىقى»غا ئوخشايدىغان غەلىتە نەرسە بايقالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-15 22:26 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، بىرەيلەن تورغا «تاشقى پىلانېت جانلىقى» بايقالغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئو چىقارغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋىدېئو ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئورمانلىقتىن ئېلىنغان، بىراق، كونكرېت ئورنى ئېنىق ئەمەس. بۇ ۋىدېئو تېزلا كەڭ تارقىلىپ تورداشلار بۇ توغرىسىدا ھەرخىل مۇنازىرە قىلدى، بەزىلەر ئۇنى تاشقى پىلانېت ئادىمىنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسىمى بولۇشى مۇمكىن دېسە، بەزىلەر بىر خىل تاشقى پىلانېت جانلىقى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

ۋىدېئودا كۆرسىتىلگەن بۇ غەلىتە «تاشقى پىلانېت جانلىقى» مېدۇزىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بەدىنى يېرىم سۈزۈك، تېنىدە نۇرغۇن «سېزىش قوللىرى» بار. ئۇنىڭ «سېزىش قوللىرى» توختىماي ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭدا مۇشۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە چوڭ شەپە بايقالمىدى. بۇ ۋىدېئونى ئالغان ئادەم: «بۇ <تاشقى پىلانېت جانلىقى> قارىماققا بىر توپ چۈمۈلە ئۈستىدىكى بىر دۆۋە زەمبۇرۇغقا ئوخشايدۇ. گەرچە مەن دائىم ئورمانلىقتا ئېكىسپېدىتسىيە قىلىپ يۈرسەممۇ، ئەمما بۇنداق جانلىقنى تۇنجى كۆرۈشۈم. ئۇنى نوقۇپ باقسام <سېزىش قوللىرى> بەك قاتتىق ھەرىكەتلىنىپ كەتتى» دېدى.

تورداشلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىر خىل تاشقى پىلانېت جانلىقى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى؛ بىراق، يەنە بەزى تورداشلار بۇنى تېخى بايقالمىغان مېدۇزىنىڭ بىر خىلى بولۇشى مۇمكىن دېدى؛ يەنە بەزىلەر تېخى ئۇنى تاشقى پىلانېت ئادەملىرى UFO ھەيدەش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يەر شارىغا چۈشۈرۈپ قويغان نەرسە بولۇشى مۇمكىن دېدى؛ يەنە بىرەيلەن مالايسىيادىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان جانلىق بايقىلىپ يەرلىك ئاھالىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چەكسىز ئۇپۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    كىچىك باللارنىڭ ئويۇنچۇقى،

  • بەگزات1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىنسانىيەت بۇرۇن بايقىمىغان، يېڭىدىن بايقالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاشقى پىلانىتقاباغلاپ سۆزلەيدىغان بوپ قاپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号