باش بەت

مېھرىگۈل

50يوللانما
38مەستانە

گەپ-سۆزلىرىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 22:39 1 ئىنكاس چۈشتى

ئادەم بىرەر ئىككى يىل سەرپ قىلىپ گەپ قىلشىنى ئۆگىنىپ بىر ئۆمۈر ئېغىزىنى يۇمۇشنى مەشىق قىلىدۇ.

1. جىددىي ئىشنى ئالدىرىماي سۆزلەڭ.

 جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئۆزىڭىزنى توختىتىۋېلىپ، ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۇچرىغان ئەھۋالنى ئېنىق سۆزلەڭ. بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپكە تەمكىن ھەم سوغۇققان ئادەمدەك تەسىر بېرەلەيسىز، باشقىلارنىڭ سىزگە نىسبەتەن ئىشەنچىمۇ ئاشىدۇ.

2. كىچىك ئىشنى يۇمۇرلۇق قىلىپ سۆزلەڭ.

بولۇپمۇ بەزى ياخشى نىيەتلىك ئەسكەرتىشلەرنى كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئېيتسىڭىز ئاڭلىغۇچىمۇ ئىللىق ھېس قىلىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ ئەسكەرتىشىڭىزنى ناھايىتى خۇشاللىق قوبۇل قىلىپلا قالماي يەنە ئاراڭلاردىكى يېقىنلىق تۇيغۇسىمۇ كۈچىيىدۇ.  

3. ئۆزىڭىز ئىشەنچ قىلالمىغان ئىشنى ئېھتىيات بىلەن سۆزلەڭ.

بەزى ئۆزىڭىز ئىشەنچ قىلالمايدىغان ئىشلارنى دېمىسىڭىز باشقىلار سىزنى ساختىپەزكەن، دەپ ئويلاپ قالىدۇ؛ ئەگەر مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۆزلىيەلىسىڭىز باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.

4. يۈز بەرمىگەن ئىش توغرىسىدا جۆيلىمەڭ.

كىشىلەر يوق يەردىن ئىش تاپىدىغان ئادەمنى بەك ئۆچ كۆرىدۇ. ئەگەر سىز يۈز بەرمىگەن يوق ئىشلار توغرىسىدا خالىغانچە قىياس قىلمىسىڭىز ياكى جۆيلۈمىسىڭىز، باشقىلارغا پىشىپ يېتىلگەن، تەربىيە كۆرگەن، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان ئادەم دېگەندەك ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرالايسىز.

5. قۇربىڭىز يەتمەيدىغان ئىشلار توغرىسىدا قالايمىقان سۆزلىمەڭ.

قۇربىڭىز يەتمەيدىغان ئىشقا يەڭگىللىك بىلەن ۋەدە بەرمەڭ. مۇشۇنداق بولغاندا باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ دېگىنىنى قىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەندۈرەلەيسىز. ئاندىن باشقىلارمۇ سىزگە ئىشىنىشنى خالايدۇ.

6. باشقىلارغا ئازار بېرىدىغان گەپلەرنى قىلسىڭىز بولمايدۇ.

گەپ-سۆزلىرىڭىز بىلەن باشقىلارغا ئازار بەرمەڭ. بولۇپمۇ يېقىنلىرىڭىز ئارىسىدا كىشىگە ئازار يېتىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قەتئىي قىلماڭ. بۇنداق بولغاندا باشقىلار تەبىئىيلا سىزنىڭ ئاقكۆڭۈل ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ ھېسسىياتىڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىسى بار.

7. كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇچرىغانلا ئادەمگە دەۋەرمەڭ.

ئازابلانغان، كۆڭلى يېرىم بولغان چاغدا ھەممە ئادەمنىڭ دەردىنى تۆككۈسى كېلىدۇ. بىراق ئۇچرىغانلا ئادەمگە دەردىڭىزنى تۆكسىڭىز، ئاڭلىغۇچىنىڭ روھىي بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ. سىزگە نىسبەتەن گۇمانىي قاراشتا بولۇپ قالىدۇ ھەمدە سىزدىن ئۆزىنى قاچۇرغۇسى كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارشى تەرەپكە شەخسىيەتچىدەك تەسىر بېرىپ قويىسىز.

8. باشقىلارنىڭ ئىشىنى ئاۋايلاپ سۆزلەڭ.

ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك ئارلىقى بولۇشى لازىم. يەڭگىللىك بىلەن باشقىلارغا باھا بەرمەسلىك ۋە باشقىلارنىڭ ئىشىنى تارقاتماسلىق كىشىگە ئالاقە قىلىشقا بولىدىغان خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.

9. ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى توغرىسىدا باشقىلارنىڭ نېمە دەيدىغىنىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى توغرىسىدا كۆپرەك باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ. بۇ بىر تەرەپتىن كەمتەر ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەكىس ئېتىپ بېرىدۇ.

10. چوڭلارنىڭ ئىشى توغرىسىدا كۆپ ئاڭلاڭ، ئاز سۆزلەڭ.

چوڭلار ئۆزىنىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا ياشلارنىڭ بەك كۆپ باھا بېرىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەگەر ياش تۇرۇپ جىق سۆزلىسىڭىز ئۇلار سىزنى چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، ھاكاۋۇر، بىلەرمەن ئادەمكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ.

11. ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى ئىشنى مەسلىھەت بىلەن سۆزلەڭ.

ئەر-خوتۇن ئارىسىدا ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش مەسىلىگە يولۇققاندا ئۆزئارا قارشى تەرەپنى ئەيىبلەش. مەسلىگە يولۇققاندا ئۆزئارا مەسلىھەتلەشكەندە، «ئورتاق ھېسسىيات» ئۈنۈمى پەيدا بولۇپ، ئەر-خوتۇنلۇق مېھىر-مۇھەببەت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

12. بالىلارنىڭ ئىشىنى چۈشەنچە بېرىپ سۆزلەش كېرەك.

 بولۇپمۇ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ قارشىلىشىش ھېسسىياتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر ئىللىق ھەم كەسكىن پوزىتسىيە بىلەن چۈشەنچە بېرىپ سۆزلىسىڭىز بالىنى ئۆزىڭىزگە قىزىقتۇرالايسىز. بالىمۇ سىز بىلەن دوست بولۇشنى خالايدىغان بولىدۇ ھەمدە ئۇنى قايىل قىلالايسىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ـــــــ1 ھەپتە ئىلگىرى

    توغرا گەپلەركەن ئۆزىنىڭ ھىسياتىنى كەيپىياتىنى چەمبىرەككە يوللايدىغانلارغا ئۆچ بوپ كەتتىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号