باش بەت

نۇسرەتگۈل

8452يوللانما
213مەستانە

ئامېرىكىدا بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە 2.2 مېتىرلىق تىمساھ كىرىۋېلىپ چىققىلى ئۇنىمىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 10:30 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 15-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى مونتېيس شەھىرىدىكى بىر ئائىلىگە بىر چاقىرىلمىغان مېھمان كەلگەن، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2.2 مېتىر، ئېغىرلىقى 50 كىلوگىرامغا يېقىنلىشىدىغان بىر تىمساھ بۇ ئۆينىڭ كارىدورىغا قىسىلىپ قالغان.

بۇ ئائىلىنىڭ ئەر خوجاينى چارلىس شەپىنى ئاڭلاپ ئويغىنىپ كېتىپ چىقىپ قاراپ باقماقچى بولدى. بۇ ئۆينىڭ ئايال غوجايىنى لۇيىس: «دەسلەپتە ئۇنى ئەرمىكىمىز ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم، ئارقىدىن يولدىشىم ۋارقىراپ كەتكەندە ماشىنىمىز ئوغرىلانغان چېغى دەپ ئويلىدىم. كېيىن بېرىپ كارىدوردا ئۈچ پۇتلۇق تىمساھتىن بىرى تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. بىز ئۆيگە قاپسىلىپ قېلىپ سىرتقا چىقالمىدۇق. تەلىيىمىزگە بالدۇر ئويغىنىپتىمىز. بولمىسا بالىلار مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن ئىشىكتىن چىقىدىغاندا قورقۇپ كېتەركەن» دېدى.

قۇتقۇزغۇچىلار كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا تىمساھ بىر نەچچە ئورۇندىكى رېشاتكىنى بۇزۇۋەتتى.

تىمساھ تۇتقۇچى تىمساھنى بىر ئارغامچا بىلەن ناھايىتى ئاسانلا تۇتۇۋالغاندا ئۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ تىركەشتى.

بۇ ئارىلىقتا خەتەر يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىمساھنىڭ ئاغزى پىلاستېردا ھىملىۋېتىىپ ئاخىرىدا بىر ماشىنىنىڭ كوزۇپىغا سېلىندى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号