باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13938يوللانما
1423مەستانە

جېن زىدەننىڭ چوڭ قىزى گۈزەللىكتە ئاپىسىغا يېتىشىۋالاي دېدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 12:37 4 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورىنىڭ تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جېن زىدەننىڭ خانىمى ۋاڭ شىشى ۋە قىزى پائالىيەتكە قاتناشقاندا، مۇخبىرلار قىزىنىڭ يۈز تېرىسىنىڭ شۇنچىلىك ياخشىلىقىنى ماختىشىپ، ئۇنىڭدىن ئاپىسىنىڭ كۈتۈنۈش رېتسىپلىرىنى دەپ بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئاپام ئىنتايىن ئاددىي، ئۇ بىزنىڭ خۇشال بولۇشىمىزنى ئېيتىپ، ھەركۈنى بالدۇر ئۇخلىتىدۇ، مۇزدەك سۇ ئىچىشىمىزگە يول قويمايدۇ»، دېگەن.

مۇخبىر ۋاڭ شىشىدىن ھازىر كىچىك دوستلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ تەس ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ھازىر راستىنلا ئوخشىمىغان مەزگىلگە قەدەم قويدى، چوڭ قىزىم ئۆسمۈرلۈك باسقۇچىغا كىرىپ، پۈتۈنلەي باشقىچىلا ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ شۇنچىلىك رايىش، بىلىدىغانلىرىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۆز ئالدىغا قارىشى بولدى»، دېدى. مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن قىزىڭىز گۈزەللىكنى سۆيىدىغان بولۇپ كەتتىمۇ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن: «شۇنداق، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ پاراڭلىشىمەن»، دېدى. ئۇ يەنە تېخى قىزىنىڭمۇ بەزىدە قارىشىلىشىدىغانلىقىنى، بىراق كۆپىنچە ۋاقىتلاردا يەنىلا رايىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيشىىچە، ھازىر قىزىنىڭ بويى ئۆزى بىلەن تەڭ بولاي دېگەن. مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن: «مودېل قىلامسىز؟» دەپ سورىغاندا ئۇ، ھازىرچە بىلمەيمەن، كېيىنكى تەرەققىياتىغا قارامىز، دېگەن. ئەڭ ئاخىرىدا قىزىنىڭ ئوغۇل دوستى بارمۇ-يوق دېگەن سوئالغا كەلگەندە، ۋاڭ شىشى كۈلۈپ تۇرۇپ: «ھازىرچە يوقتۇ، يولدىشىم قىزىمىزنىڭ ئوغۇل دوستى بولسا، ئۆزىنىڭ شياڭگاڭغا قايتىپ ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان»، دېدى. ئەجىبا، جېن زىدەن قىزى مۇھەببەتلەشسە «كۈنلەپ» قالارمۇ؟ ئەسلىدە، ئۇمۇ باشقا دادىلارغا ئوخشاشلا، قىزى ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان كۆيۈمچان دادىكەندە!

باش سۈرەت تاللاش x
  • 1995105 كۈن ئىلگىرى

    ئالەمەت سۇرۇدىغۇ بۇرە رىۋايىتى دىگەن كىنوسىدا

  • فىروزە6 كۈن ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن تەبىئى گۈزەلكەن قىزى،چوڭ بولسا كاتتا ساھىبجامال بولغۇدەك

  • ئەسلىمە 6 كۈن ئىلگىرى

    مەنمۇ ياقتۇرىمەن بۇنىڭ كىنولىرىنى

  • 再来一天6 كۈن ئىلگىرى

    قىزىنى ماڭا بىرەمۇ جىن زىدەن، مەن جىن زىدەننىڭ قان مەستانىسى، مۇشۇ جىن زىدەننىڭ كىنولاردا قەتئىي ئايال كىشىنى سۆيگىننى كۆرەپ باقمىدىم .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号