باش بەت

ئادىلجان

8989يوللانما
127مەستانە

ئەنگلىيە تاراتقۇسى دۇنيادىكى ئەڭ باي 33 ئادەمنى باھالاپ چىقتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 12:59 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورىنىڭ 16-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتى» 15-ماي ئېلان قىلغان 2018-يىللىق بايلار تىزىملىكىدە دۇنيادىكى ئەڭ باي 33 جەمەت ۋە شەخسنى باھالاپ چىقتى. 

تىزىملىكتە ئالدىنقى ئۈچىنىڭ ئىچىگە كىرگىنى ئايرىم-ئايرىم ۋولمارتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋالتون جەمەتى، ئامېرىكا كوخ سانائەت گۇرۇھىنىڭ ھوقۇقدارى كوخ ئاكا-ئۇكىلار ۋە ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس. مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس بۇلتۇرقى ئۈچىنچى ئورۇندىن تۆتىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. 

تېڭشۈننىڭ قۇرغۇچىسى قوشۇمچە CEOسى ما خۇاتېڭ بۇلتۇرقى 31-ئورۇندىن 18-ئورۇنغا ئۆتتى، ئۇنىڭ ساپ بايلىقى 33 مىليارد 600 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 45 مىليارد 500 مىليون دوللار)غا يېتىپ، جۇڭگولۇق ئەڭ چوڭ بايغا ئايلاندى. 

ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ما يۈننىڭ رەت تەرتىپى بۇلتۇرقى 19-ئورۇندىن 22-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ ساپ بايلىقى 28 مىليارد 900 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 33 مىليارد 100 مىليون دوللار).

بۇ ئايدا پېنسىيەگە چىققان شياڭگاڭلىق ئەڭ چوڭ باي لى جياچېڭنىڭ رەت تەرتىپى بۇلتۇرقى 21-ئورۇندىن 27-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ ساپ بايلىقى 25 مىليارد 900 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 35 مىليارد دوللار).

بۇلتۇر 20-ئورۇنغا تىزىلغان ۋەندا گۇرۇھىنىڭ باش لىدېرى ۋاڭ جيەنلىن بۇ يىل ئالدىنقى 33 ئورۇنغا كىرەلمىدى. 

تىزىملىكتە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر تەرتىپ بويىچە: 

1. ۋالتون جەمەتى: ساپ مۈلكى 128 مىليارد 900 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 174 مىليارد 500 مىليون دوللار)

2. كوخ ئاكا-ئۇكىلار: 88 مىليارد 900 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 120 مىليارد 300 مىليون دوللار)

3. بېزوس: 83 مىليارد فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 112 مىليارد 400 مىليون دوللار)

4. بىل گەيتىس: 66 مىليارد 700 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 90 مىليارد 300 مىليون دوللار)

5. باففېت: 62 مىليارد 200 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 84 مىليارد 200 مىليون دوللار)

6. LVMHنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى قوشۇمچە CEOسى بېرنارد ئارنائۇلت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى: 53 مىليارد 300 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 72 مىليارد 200 مىليون دوللار)

7. مارك زاكىربېرگ: 52 مىليارد 600 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 71 مىليارد 200 مىليون دوللار)

8. مارس گۇرۇھىنى قۇرغۇچىلار جەمەتى: 52 مىليارد 400 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 70 مىليارد 900 مىليون دوللار)

9. ئىسپانىيەدىكى ئەڭ چوڭ باي، Zaraنىڭ قۇرغۇچىسى ئامانسىئو ئورتېگا: 51 مىليارد 900 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 70 مىليارد 300 مىليون دوللار)

10. مېكسىكىدىكى ئەڭ چوڭ باي كارلوس سىلىم: 49 مىليارد 700 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 67 مىليارد 300 مىليون دوللار)

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号