باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11367يوللانما
1449مەستانە

تايلاندتىكى ئىككى كوچا ئاپتوبۇس شوپۇرى خېرىدار تالىشىپ مۇشتلىشىپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 13:10 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

14-ماي چۈشتىن كېيىن، تايلاند باڭكوكنىڭ مەلۇم يول بۆلىكىدە ئىككى كوچا ئاپتوبۇس شوپۇرى تۇيۇقسىز يولدىلا مۇشتلىشىپ كەتكەن، ئارقىدىن بېلەت ساتقۇچىلارمۇ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يولۇچىلارنىڭ ئايرىشى بىلەن، ئىككى تەرەپ توختىغان. بىراق ئارىسىدىكى بىر ياشقا چوڭراق شوپۇرنىڭ بەدىنىدىن قان چىقىپ كەتكەن.

يولۇچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىككەيلەن 8-يول كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇلار يولدا يولۇچى تالىشىپ ئۆز-ئارا سۈرئەت قوغلاشقان. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىككىلا شوپۇر ئاچچىقىغا پايلىماي، غەزەپ بىلەن كوچا ئاپتوبۇسىنى توختتىپ، سەكرەپ چۈشۈپلا ئۇرۇشۇپ كەتكەن.

نۆۋەتتە، ۋەقەگە چېتىشلىق بىر شوپۇرغا 50 مىليون باخت (تەخمىنەن 1000 يۈەنگە باراۋەر) جەرىمانە قويۇلۇپ، يەتتە كۈن خىزمىتىدىن توختىتىپ ئويلىنىشقا بۇيرۇلغان، يەنە بىر شوپۇرغا 20 مىليون باخت (تەخمىنەن 400 يۈەنگە باراۋەر) جەرىمانە قويۇلغان، بېلەت ساتقۇچىلارغا بولسا، ۋاقىتلىق خىزمىتىدىن توختىتىلىپ، كەسپىي تەربىيە قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سەھرا ئاۋات1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي تۇرمۇش، ئادەمنى ھەر كويغا سالىدىكەن،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号