باش بەت

كىنوچى

3463يوللانما
185مەستانە

مېسسى: دۆلەت كوماندىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىم خاتا دۇنيا لوڭقىسىدا تۆت كۈچلۈككە كىرىمىز

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 15:45 24 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئارگېنتىنالىق گىگانت چولپان مېسسى يېقىندا Tyc Sportsنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسى ئۈستىدە توختالغان ھەمدە بۇنىڭدىن بۇرۇن دۆلەت كوماندىسىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا لوڭقىسى توغرىسىدا: «دۇنيا لوڭقىسىدا تۆت كۈچلۈككە كىرگەندە قالتىس نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. بىزنىڭ تارىخىمىزغا قاراپ بېقىڭ، ئارگېنتىنا ئاشۇ ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. گەرچە بۇ قېتىم بىزنىڭ سالاھىيەتكە ئېرىشىشىمىز ئىنتايىن قىيىن ھالەتتە تاماملانغان بولسىمۇ، لېكىن بىز چوقۇم تۆت كۈچلۈك قاتارىغا قايتىشىمىز كېرەك.» ئارگېنتىناغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش پەقەتلا بىر مەسئۇلىيەت ئەمەس، بەلكى ئارزۇ-ئۈمىد. بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى باشتىن كەچۈردۇق، چېمپىيونلۇققا ئىنتىلىش جەھەتتە ئارگېنتىنا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.»

«بىز ئۇدا ئۈچ ھەل قىلغۇچتا مەغلۇپ بولدۇق، بۇ بىزگە نىسبەتەن زور زەربە ھېسابلىنىدۇ، بىز بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئېھتىياجلىق.»

ئۆزىنىڭ ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا: «مەەن ئۇ سۆزنى قىلغاندىن كېيىن خاتالاشقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئۇ سۆزلەر بارلىق ياشلارغا خاتا ئۇچۇر بېرىپ قويىدۇ، بارلىق ئارزۇلىرى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەرگىمۇ شۇنداق. بىز چوقۇم ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىمىز ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىمىز كېرەك.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەجنەبىي ؟؟؟؟6 كۈن ئىلگىرى

    بەل قويۋەتمەسلىك كېرەك ،ئاخرغىچە تىرشىپ بېقىش كېرەك ،يا ئۇتتۇردۇ ،ياكى چېمپىيون بولالمىسمۇ ياخشى تەسىر قالدۇرىشى مۇمكىن ،قانداقلا بولمىسۇن مېسسىمۇ ياخشى توپچى .

  • rowin6 كۈن ئىلگىرى

    ئاقماس گەپ قىلىدىغان مادرىتچىلا

  • قارا خەنجەر6 كۈن ئىلگىرى

    شۇ، گەپنى قىپ بولۇپ پۇشايمان قىلىدىغان، بەزىدە دېگەن گىپىگە ئىگە بولالماي ھاۋانى تىللىغان بولۇۋالىدىغان مىس مىس ئادەمدىن ئوتتۇز يىلدىمۇ بىرسى تۆرەلمەيدۇ، شۇنداق دېمەكچىمۇ قايتا قۇرۇپ ئەرشكە ئاچىقىدىغان نۇرداش؟مانداق گەپ قىلىدىغانلار ئەركەك شىركەن ماۋۇنىڭ نەزىرىدە ھې ھې ھې ھې ھې ھې ھې

  • ακαх Aδкi6 كۈن ئىلگىرى

    ئارگىنتىنادا 4كولوپ شاھلىرى تۇرۇپ نىمىشقا ئاقمايدىغاندۇ ئۇزەم تەھلىل قىلاي ئارگېنتىنادىكى داڭلىقلار ئاساسەن ھۇجۇمچىلار ئوتتۇرا مەيدان بىك ۋە ۋارتار ياخشى ئەمەس دەپ قارايمەن ئۇزەمچە

  • كىرىستىيانو 76 كۈن ئىلگىرى

    ما باسا ئاقماي قايتا قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان ئاداش. ئىشقىلىپ ئۆزىنى بىر يەرنىڭ پەيلاسوپى، بىرەر يەرنىڭ داڭلىق مۇتەپپەككۇرىدەك ھېس قىلىپ گەپ قىلىدىكەن. گەپلىرى شۇنداق پاساھەتلىك چىقىپ كېتىۋاتقاندەك لېكىن ھەممىسىنىڭ قۇرۇق گەپلىكى ئېسىدە يوق!

  • مېسسى6 كۈن ئىلگىرى

    توغرا دۇنيا لوڭقسدا دەيدۇ دۇنيا لوڭقىسدا، تۆت كۈچۈلۈك ئۇ ياقتا تۇرسۇن، گۇرپپدىن چىقشمۇ ئاسان گەپ ئەمەس، پورتىگاليەگە ئوخشاش، شاللندغان گەپ

  • يارىش6 كۈن ئىلگىرى

    توۋا ئارگىنتىنانى ناچار دەۋاتىدۇ قەتتى پۇتبول كۆمەي گەپ قىلدىغانلا با جۇما ئىشقىپ……

  • گېسلا6 كۈن ئىلگىرى

    چىمپىيونلۇققا ئەڭ بەك ئىنتىلدىغىنى گوللاندىيە بىلەن گىرمانيە بىرازىلىيە بولۇپمۇ بىرازىليە بىلەن گوللاندىيە قوللايدىغنىم شۇ ئىككى دۆلەت لىكىن …… لىكىن قارايدىغان بولساق ھەر دۆلەتتە بىر بىردىن قالتىس توپچىلار بار ، ئارگىنتىنادا تۈزۈك نامى چىقمىغان دەپ كىم دەيدۇ سىلە مادرىد بىلەن بارساغىلا ئىسىلۋالماي قىرىنداشلا باشقا كۇلۇپلارغىمۇ قاراپ بىقىڭلا … ئاددىسى بىلگىيەگە قاراڭلا ئادەملىرى بىربىردىن خىل ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىككى ئورۇندىكى ئىككى توپچى مەيداندا تۆت ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ … بىرازىليە ، گوللاندىيە گە ئامەت تىلەيمەن مەن خان مادرىد رونالدو مەستانىسى

  • قۇماندان6 كۈن ئىلگىرى

    ئاۋال بىر ئامرىكا لوڭقىسىنى ئېلىپ، ئاندىن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ گىپىنى قىلساڭمۇ كىچىكمەيتتىڭ،

  • 皇家Madrid7号6 كۈن ئىلگىرى

    دۆلەت كوماندىسى بىلەن كۇلۇبنىڭ ئايرىم ئۇنداق قوش تېرنىرلىق قىلمايدۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ پەقەت دۆلەت كوماندىسىنىلا تۇتىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号