باش بەت

ئادىلجان

7509يوللانما
128مەستانە

ئالما يانفونى ئاپتوماتىك ھالدا 14 مىڭ يۈەن تۇتۇپ قالدى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 15:55 0 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورىنىڭ 16-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ئالمىنىڭ iPhone يانفونى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. چۈنكى ئوخشاش بىر مۇلازىمەتنى iOSتا زاكاز قىلغاندا Androidتىكىدىن قىممەت بولىدۇ (بۇ بۇرۇن ئېيتىلغان ئاتالمىش «ئالما بېجى»)، ئۇنىڭ ئۈستىگە پات-پاتلا «نامەلۇم ھېساباتلار» پەيدا بولۇپ قېلىپ، سىز ئۆزىڭىزمۇ بىلمەيلا پۇلىڭىز ھەميانىڭىزدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. 

خاڭجۇدىكى جۇ ئەپەندىمنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يانفوندا مەشغۇلات قىلمىغان ئەھۋالدا 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 8:50تىن 9:01گىچە يانفونىدىكى ئالما ھېساباتى (Apple ID) ئالما ئەپ دۇكىنى App Store ۋە Apple Musicتا 30 قېتىمدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغان، سوممىسى 14459 يۈەنگە يەتكەن، يەككە قېتىملىق سودىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 618 يۈەن، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 45 يۈەن بولغان. 

ھېسابات تالونىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىستېمالدا يانفون ئويۇنىدىكى تەڭگىلەر سېتىۋېلىنغان، جۇ ئەپەندىم بولسا بۇ ئويۇنلارنى ئەزەلدىن ئويناپ باقمىغانىكەن. جۇ ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، Apple ID چىقىمدان ھېساباتىغا باغلانغان ھەمدە مەخپىي نومۇرسىز چىقىم قىلىش ئىقتىدارى ئېچىلغان، Apple ID بولسا ئىزچىل تۈردە بارماق ئىزىدا چىقىم قىلىش ئىقتىدارىغا توغرىلانغانىكەن. 

بۇنىڭغا قارىتا ئالما خېرىدارلار مۇلازىمى مۇنداق دېگەن: «جۇ ئەپەندىمنىڭ Apple IDسى ئوغرىلانغان بولۇشى مۇمكىن. بارماق ئىزىدا چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇردا چىقىم قىلىش ئاساسىدا بولىدۇ، <قوش دەلىللەش> ئىقتىدارى ئېچىلغاندىن كېيىن باشقا ئورۇندا ئاچسا ئاندىن ئەسكەرتىش بېرىپ، باغلانغان يانفون نومۇرى قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق دەلىللەشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

بۇ ئىشتىن مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

1. ئالمىنىڭ Apple ID ھېساباتىدىكى «قوش دەلىللەش» ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويۇڭ، بۇنداق بولغاندا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىزدىن باشقا ئورۇندا Apple IDغا كىرىشتە قىسقا ئۇچۇر ياكى تېلېفوندا دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئەپكە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مەخپىي نومۇر» ئارقىلىق بىخەتەرلىككە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كاپالەتلىك قىلسىڭىز بولىدۇ. كۆرسەتمە: Apple ID باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ، «بىخەتەرلىك» دېگەن  مۇلازىمەتنى تاللاپ، «قوش دەلىللەش» دېگەن تۈرنى ئېچىپ قويۇڭ ھەمدە «ئەپ مەخسۇس مەخپىي نومۇرى»نى تەڭشەپ قويۇڭ.

2. ئەگەر ئالمىنىڭ دېگىنى راست بولسا، بارماق ئىزىدا چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇردا چىقىم قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ. نۆۋەتتىكى Apple ID بانكا كارتىسى، چىقىمدان، ئۈندىدار قاتارلىق چىقىم قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللايدۇ، كۆپ قىسىمى قولايلىق بولۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىنغان، بىۋاستە مەخپىي نومۇرسىز (كىچىك سوممىلىق) چىقىم قىلىشقا بولىدۇ ياكى نۆۋەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان چىراي تونۇتۇپ چىقىم قىلىشقىمۇ بولىدۇ. 

بۇنىڭدا گەرچە قولاي بولسىمۇ ئەمما بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپىتى يەنىلا مەۋجۇت، بەلكىم ئېھتىيات قىلمىسىڭىز بەزى مۇلازىمەتلەرنى بىلمەيلا سېتىۋېلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىگە ھوقۇق بېرىش، مەخپىي نومۇرسىز چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويۇشتا ئېھتىياتچان بولغىڭىز ياخشى...

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号