باش بەت

رازى

662يوللانما
58مەستانە

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشى بىلەن پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىنىڭ پەرقى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 21:22 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئادەملەر:

1. پارلاق نۇر چېچىپ تۇرىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر ھەمىشە خۇددى كىچىك قۇياشتەك نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىلا يورۇتۇپ قالماستىن، يەنە شەرتسىز ھالدا ئەتراپىدىكىلەرنى ئىللىتىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بولسا دەل ئەكسىچە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەمىشە كەيپىياتى ناچار، غەم ئەندىشىسى كۆپ، قەلب ئاسمىنىدا چاقماق چېقىپ، يامغۇر يېغىپ تۇرىدۇ، جاھان ئىللىق قۇياش نۇرىغا پۈركەنگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلانماي، ئايىغى ئاستىدىكى پاتقاققا تىكىلىپ ئاغرىنىپ يۈرىدۇ، ھەتتا ئەسەبىيلىشىپ بىگۇناھ كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. 

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئادەم نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ، قانچە قاراڭغۇ بولغانسېرى شۇنچە نۇرلۇق چاقنايدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك ئادەم بولسا خۇددى تاماق قاچىسىغا چۈشۈپ كەتكەن چىۋىنغا ئوخشاش، گەرچە ئېھتىياتسىزلىقتىن يەۋەتسە ئادەمنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمىسىمۇ، ئەمما كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرۇپ ئادەمنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئادەم كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېغىشلايدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك ئادەم بولسا كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئادەمنىڭ كۆڭلى كۆكسى كەڭ، باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى سىغدۇرالايدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك ئادەم بولسا باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرەلمەيدۇ.

2. ئۇ خۇددى دەرەخكە ئوخشايدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر خۇددى بىر تۈپ دەرەختەك ئەتراپىدىكىلەرگە سايە تاشلايدۇ، ئۇ يامغۇر تامچىسىنىڭ ئۆزىنى يۇيۇپ قويغانلىقىدىن مىننەتدار بولىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بولسا ئاشۇ دەرەختىكى لۆم-لۆم قۇرتقا ئوخشاش، باشقىلارنىڭ ئېنېرگىيەسىنى خورىتىدۇ، ئۇنىڭغا قارىغان ئادەمنىڭ بارغانسېرى جۇدۇنى ئۆرلەيدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەرمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ئۆزى بىلمىگەن ئاساستا باشقىلارنىڭ كۆڭۈلگە ئازار بېرىدۇ، ئەمما ئۇلار دەرھال مەسىلىنى بايقاپ تۈزىتىدۇ، سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بولسا باشقىلارغا ئازار بەرگەندىن كېيىن باشقىلاردىن سەۋەب ئىزدەيدۇ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى مەجبۇرىي ھالدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دۆڭگەيدۇ.

3. باشقىلارغا ياردەم بېرىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىكى خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بولسا ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا سايە ئىزدەشكە ئامراق بولۇپ، ھەمىشە دۇنيا ئۇنىڭغا ئادىل بولمىغاندەك، ھەممە ئادەم ئۆزىگە قەرزداردەك ھېس قىلىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر پاسسىپ ئېنېرگىيەنى ئاكتىپ ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرالايدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بولسا ھەممىنى پاسسىپ كەيپىيات ئىچىگە سۆرەپ كىرىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر ساپ قەلب، ئوچۇق-يورۇق بولىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بولسا قايغۇ-ھەسرەتلىك، خاپىخان كۆرۈنىدۇ.

4. سەمىمىي، مەرد.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە باشقىلار مەرد؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا باشقىلارنىڭ ھەممىسى پەسكەش.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر ھەر قانداق ئىشتا باشقىلارنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بولسا ھەمىشە مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىلا مەركەز قىلىپ، باشقىلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بولسا ياكى ھەممىنى قالايمىقان قىلىدۇ ياكى ھېچ ئىش قىلمايدۇ. ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر ناھايىتى سەمىمىي، ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، ئاسانلا چىقىشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ھەممىگە ئاشكارىلايدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرى ھىيلە-مىكىرگە تولغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ روھىنى ئېزىقتۇرىدۇ.

5. مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر باشقىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بولسا باشقىلارنى قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بولسا مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىدۇ.

6. قىزىقارلىق ۋە ئۈمىدۋار كېلىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەرگە يېقىنلاشقانسېرى تېخىمۇ يېقىنلاشقۇڭىز كېلىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بولسا ئارىلاشقاندىن كېيىن يىراقلىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولسا ئادەمدە ئۈمىد پەيدا بولىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولسا، ئادەم چىقىش يولى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا قىيىنچىلىق مەسىلە ھېسابلانمايدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا، ھەتتا كەيپىياتمۇ مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشى بىلەن بىرگە بولغاندا مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ قاراشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا ھەممە بارغانسېرى قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا ھەتتا ئۆزىمۇ ئۆزىدىن بىزار بولىدۇ.

7. تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولۇش كىشىدە تۇرمۇشقا قارىتا قىزغىنلىق پەيدا قىلىدۇ، ئادەم ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك ئادەملەر بىلەن بىرگە بولغاندا، سىزنى ئاغرىنىش قاينىمىغا سۆرەپ كىرىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولۇش سىزنى تېخىمۇ كەڭ قورساق قىلىدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولۇش سىزنى تېخىمۇ ئىچى تار قىلىدۇ.

ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا، ھەق-ناھەق بارغانسېرى ئازلايدۇ؛ پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا، ھەق-ناھەق ئارىلىشىپ كېتىدۇ.

يۇقىرىقى سەۋەبلەر سىزنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولۇشنى تاللىشىڭىزغا يېتەرلىك ئاساس بولالايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号