باش بەت

قەدرۇس65

1638يوللانما
28مەستانە

رايىئولا AC مىلاننىڭ 30 مىليون ياۋرو باھادا دوننارۇممانى قولدىن چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلدى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 17:18 1 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىتالىيە تاراتقۇسى «كەچلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، AC مىلان قاپقىچىسى دوننارۇمما بۇ يىل يازدا كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇمكىنكەن، ئۇنىڭ ۋاستىچىلار كوللېكتىپى كۇلۇبنىڭ 30 مىليون ياۋرو باھادا دوننارۇممانى قولدىن چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دوننارۇممانى كوماندىدىن ئايرىلىدۇ، دەپ قارايدىكەن، ئۇنىڭ باشقا كوماندىغا قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ.

AC مىلان كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى مىرابېللى تۈنۈگۈن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «دوننارۇمما AC مىلان كۇلۇبى ھەم ئىتالىيەنىڭ قىممەتلىك بايلىقى» دېگەن، لېكىن دوننارۇممانىڭ رايىئولا باشچىلىقىدىكى ۋاستىچىلار كوللېكتىپى توپچىنىڭ ھازىرقى بازار باھاسىنى 30 مىليون ياۋرو دەپ قارىغان. بۇمۇ پارىژ سانت گېرماننىڭ AC مىلانغا قويغان باھاسى. بۇ سودا ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ بىردەكلىككە كەلمىكى ئاسانغا چۈشمەيدۇ، سۆھبەت ۋاقتىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى مۇمكىن.

«تورىن تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ قارىشىچە، دوننارۇمماننىڭ ھازىرقى باھاسى تەخمىنەن 50 مىليون ياۋرودىن 60 مىليون ياۋرو ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنكەن.

AC مىلان تەرەپ بۇ مەسىلىگە قارىتا بىر قەدەر سوغۇققان بولغان، چۈنكى ئۇلار دوننارۇممانىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ناپولى قاپقىچىسى رېينانىڭ سودىسىنى تاماملاپ بولدى. ئۇلارنىڭ پىلانى ئامال بار دوننارۇممانى يۇقىرى باھادا قولدىن چىقىرىپ، باشقا توپچىلارنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش بولۇشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • kaktuss1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك تۈۋەنلەپ كەتتىغۇ بۇنىڭ باھاسى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号