باش بەت

durdana

1772يوللانما
118مەستانە

ئەگەر چولپانلارنىڭ چىراي تور چولپانلىرىدەك بولغان بولسا...

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 17:02 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تور چولپىنى بۈگۈنكى كۈندە يېڭى سۆز ھېسابلانماس بولۇپ قالدى، تور سۇپىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەگىشىپ، تور چولپانلىرى تاماشا ساھەسىگە كىرىشكە، ئېلان ئىشلەشكە، كىنو-تىياتىرلاردا رول ئېلىشقا باشلىدى. شۇڭا بەزىدە تور چولپىنى بىلەن ئارتىسلارنىڭ چېگىرىسىمۇ نائېنىق بولۇپ قالدى. لېكىن تور چولپانلىرى ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە، يەنى ئۇچلۇق ئېڭەك، ياۋروپاچە قوش قاپاقلىق. لېكىن ئايال چولپانلارنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار. بىز بۈگۈن ئەگەر چولپانلارنىڭ رەسىمىنى تور چولپىنى قىلىپ قويساق قانداق بولۇپ قالىدىغىنىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.

تاڭ يەن

تاڭ يەن تور چولپىنى قىلىپ قويۇلسا يۈزى قىسقىراپ كەتكەندەك، چىرايى تېخىمۇ ئاقىرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالىدىكەن، ئەسلىدىكى ئوماق ھالىتى يوقىلىدىكەن.

جاۋ لىيىڭ

جاۋ لىيىڭنىڭ تور چولپىنى قىلىنغان بۇ رەسىمى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تازا لەرزىگە سالالمامدۇ قانداق، قارىماققا ساختا چىرايلا، يەنىلا يۇمىلاق يۈزلۈك جاۋ لىيىڭ ئوماقكەن جۇمۇ.

ياڭ يىڭ

ياڭ يىڭنىڭ ئەسلى تۇرقىمۇ تور چولپانلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۇنىڭدەك بولىمەن دەپ ھۆسن تۈزىتىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. لېكىن ئۇنىڭ ئېڭەك سۆڭىكى تور چولپانلىرىدىن خېلىلا ئالىي دەرىجىدە. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسلى چىرايى تور چولپانلىرىدەك ياسالغان رەسىمىدىن خېلىلا چىرايلىق. ئەگەر تور چولپانلىرىدەك يۈزى بولغان بولسا ھېچقانداق ئالاھىدىلىكىمۇ قالماسكەن.

دىلرابا

دىلرابانىڭ رەسىمىنى ياسىغان ئۇستام ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ سادىق مەستانىسى ئىكەن، دىلرابانىڭ بۇرنى تېخىمۇ ئۇچلىنىپ كەتسە تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ قالىدىكەن ئەسلىدە، لېكىن دىلرابانىڭ ئۆزگىچە چىرايى يەنىلا يوقاپ كېتىدىكەن.

ليۇ تاۋنىڭ تور چولپىنى بولغان ھالىتى، ھاھاھا.. كۆزى نەچچە ھەسسە يوغىناپ كېتىپتۇ، مەڭىز سۆڭەكلىرىنىمۇ بىر نېمە قىلىۋېتىپتۇ، بۇرنى تېخىمۇ ئۇچلىنىپتۇ، قارىماققا شۇنداق ئوماقلىشىپ كېتىپتۇ، لېكىن بۇ چىرايدا ئازراقمۇ ليۇ تاۋنىڭ ئالاھىدىلىكى قالماپتۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىچە سالاپىتىمۇ يوق بوپتۇ.

لۇ خەن تېخىمۇ نازۇكلىشىپ كېتىپتۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号