باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11367يوللانما
1449مەستانە

ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى مېلانىيانى دورايدىغانلار ئۆچرەت بولۇپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 16:47 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تىرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندىن بۇيان، تىرامپ ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلسىدىكىلىرىنى دورايدىغان تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرى بارا-بارا كۆپلەپ قالدى. ناتىق پىروگىراممىسى، ھەقىقىي ئادەم پىروگىراممىسى، تالانتلىقلار ھەمدە تاماشا خاراكتېرلىك سىياسىي پىروگىراممىلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ سىماسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بىرىنچى خانىم مېلانىيانى دورايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇلارنىڭ ئارىسىدا داڭلىق تاماشا چولپىنى، مودېللار بار.

سۈرەتتە، مېلانىيانى دورىغۇچى كومېدىيە ئارتىسى جىنا جېرشون، بىرىنچى خانىم مېلانىيانىڭ قويۇق سىلوۋېنىيە تەلەپپۇزىنى دورىغان.

تىرامپنىڭ دەسلەپكى سايلىمىدىن باشلاپ، سېسلىي سىتروڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم پىروگىراممىلاردا مېلانىيانىڭ رولىنى ئالغان. سىتروڭ ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئەمەس، بەلكى قىزىقارلىقىنى قوغلاشقان.

تىرامپ زۇڭتۇڭ بولۇپ بىر ئايدىن كېيىن، سېسلىي سىتروڭ يەنە بىر قېتىم مېلانىيانى دورىغان. پىروگىراممىدا سىتروڭ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، چىرايىنى «غەزەپ» ئۆزگەرتكەن. رىياسەتچى بولسا ئۇنى «چوڭقۇر ئويلىماقتا»، دېگەن.

سېسلىي سىتروڭنىڭ مېلانىيا ئوبرازى كىشىگە بىر خىل «ئاقسارايدىكى دەردمەن ئايال»دەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

مايا رۇدولف NBC كومېدىيەلىك ئۇنىۋېرسال پىروگىراممىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇپ، ئىلگىرىمۇ مېلانىيانىڭ رولىنى ئېلىپ باققان. بەزىلەر ئۇنى ئىنتايىن ياخشى ھالدا بىرىنچى خانىمنىڭ تەلەپپۇزىنى دورىغان دېگەن.

ئىلگىرى تونىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لائۇرا بېنانتىمۇ مېلانىيا ئوبرازاىغا چاقچاق قىلىپ باققان ھەمدە ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ھالدا بىرىنچى خانىمنىڭ دىققىتىنى تارتقان. تونىي مۇكاپاتى ئامېرىكا دىرامما ۋە مۇزىكىلىق تىياتىرنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتىدۇر.

ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن ئايال ئارتىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل جىجى خادىدمۇ 2016-يىلى مېلانىيانىڭ رولىنى ئېلىپ باققان. بۇ مېلانىيالارنىڭ دورىغۇچىلىرى ئىچىدە، سىزنىڭچە قايىسىسى ئەڭ جايىدا چىقىپتۇ؟ كىم ئەڭ چىرايلىقكەن؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • 新:Q1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىرنچى رەسىم ،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号