باش بەت

durdana

1772يوللانما
118مەستانە

چى ۋېينىڭ قىزلار ئۈلگە قىلسا بولىدىغان چاچ پاسونلىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 17:22 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چى ۋېي ناخشىچىلىقتىن كېلىپ چىققان، لېكىن نۇرغۇن ئادەم ئۇنى ئارتىسلىقتىن تونۇغان، ئۇ ھازىر 34 ياشقا كىردى، لېكىن ئۇ 10 يىل ئاۋۋالقى ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن، كىيىم ماسلاشتۇرۇشتىن باشقا چاچ پاسونىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ چاچ پاسونى قىزلار ئۆگىنىۋالسا بولغۇدەك چاچ پاسونىدۇر.

بۇ ئۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى رەسىمى بولۇپ، ئۇچىسىدىكى كىيىمدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ چاچ پاسونى ئالاھىدە دىققەتنى تارتقان، ئۇنىڭ ئىككى ئۆرۈلگەن چېچى بەكمۇ ياراشقان.

شۇڭا چى ۋېينىڭ چاچ پاسونى ئالاھىدە، ئۇنى ياش كۆرسىتىدۇ، لېكىن يەنە بەك يېشىغا ماس كەلمىگەن كۆرۈنمەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ چاچ پاسونى ئۇچىسىغا كىيىۋالغان خىزمەت كىيىمىگە ئوخشايدىغان كىيىمى بىلەن ماسلاشقان.

بۇ چاچ پاسونىدا ئۇ پەقەت بىر چاچ لېنتىسى ئىشلەتكەن، بۇ چاچ ئۇنىڭ كىيىۋالغان پەلتوسى بىلەن قوشۇلۇپ شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك تۈس بەرگەن.

چىپ كېلىدىغان، ئاياللىق پۇرىقى كۈچلۈك بۇ كۆينەككە چى ۋېي سەل-پەل بۈدرە قىلىنغان چاچنى ماسلاشتۇرغان بولۇپ، قارىماققا ئاياللىق نازاكىتى شۇنداق ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ سالاپىتىگە ماس چاچ قويۇشنى بىلىدۇ.

سىز خىزمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان بولسىڭىز خىزمەت كىيىمىگە قارا ئاددىي چاچ قويسىڭىز ئەڭ ماس كېلىدۇ، قىسقا چاچمۇ بولىدۇ.

چى ۋېينىڭ سەل شوخلۇق قىلىپ قويىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ، يەنى چاچنى ئىككى تۈگۈپ، مىكىي شەكلىدە قىلىۋالىدۇ. ئۇنىڭ كىيىۋالغان شوخ رەڭلىك كىيىمى بىلەن چاچ پاسونى بەك ماسلاشقان.

ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا ئۇ چېچىنى ئۇششاق بۈدرە قىلدۇرغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ياۋايىلىقىنى نامايەن قىلغان.

ئومۇمەن، چى ۋېي بىر خىللا چاچ قويۇۋالمايدۇ، سورۇنغا ماسلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ، سىز چى ۋېينىڭ قايسى چاچ پاسونىنى ياقتۇردىڭىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • نەھال1 ھەپتە ئىلگىرى

    4,5.رەسىمدىكى چاچ پاسونى بۇلدىكەن ، مەنمۇ داۋاملىق ھەرخىل شەكىلدىكى پاسون ۋە رەڭدە ياسىتىپ تۇرمەن ،ئوخشىمايدىغان يېرى مەن بەك ئۇزۇن ئۈستۈرۈپ باقمىدىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号