باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

506يوللانما
20مەستانە

«قورساق ئاچتىمۇ» تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسى يېگىلى بولىدىغان چوكىنى چىقاردى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 17:21 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تاماق يېگەندە چوكا چىشلەشكە ئادەتلىنىپ قالغان دوستلار، سىلەرنىڭ چوكا يېيىش خىيالىڭلار ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى. يېقىندا «قورساق ئاچتىمۇ»(饿了么) تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسى راستىنلا يېگىلى بولىدىغان چوكىنى چىقاردى، بۇ چوكا ئۇن، سېرىق ماي، ناۋات، كالا سۈتى ۋە سۇدىن ياسالغان بولۇپ، ئەسلى بۇغداي ئۇنى تەملىك، يەسىمەن چېيى تەملىك ۋە سۆسۈن ياڭيۇ تەملىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل تەملىكى بار، سىرتىدىن قارىغاندا گرېگونىڭ پىرەنىكىگە ئازىراق ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورىمىلارنى قىسىپ يېيىشكە، يەنە تاماقتىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆزىنىمۇ يەۋېتىشكە بولىدۇ (ئەگەر ئىشتىھايىڭىز ياخشى بولسا).

بۇ خىل غەلىتە خىيال ياپونىيەنىڭ كۇماموتو ناھىيەسىدىمۇ بار. 2017-يىلى ئاپرېلدا كۇماموتو ناھىيەسى «تاتامى» تەملىك يېگىلى بولىدىغان چوكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ چوكىنىڭ خام ماتېرىيالى بولسا كۇماموتو ناھىيەسىن چىقىدىغان كەترەن، يېمەكلىك تالاسى بولسا 60 تۈپ يېسىۋىلەك تالاسىنىڭ يىغىندىسىغا باراۋەر، مۇنداقچە ئېيتقاندا «بىر جۈپ چوكىنى يېيىش، بىر قاچا كۆكتات سالاتى يېگەنگە باراۋەر.» بۇ كۇماموتو ناھىيەسىنىڭ شۇ يەردە ئۆستۈرىلىدىغان تاتامى مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تاپقان ئامالى.

«قورساق ئاچتىمۇ» تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسىنىڭ يېگىلى بولىدىغان چوكىنى ياسىشىنىڭ سەۋەبى مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈندۇر. شاڭخەي فوخەي فورۈي ئېلان شىركىتىنىڭ ئىجادىيەت باش نازارەتچىسى خۇاڭ فېڭ تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر جۇڭگونىڭ توردا تاماق سېتىش كەسپىنىڭ مۇھىت قوغداش مەسىلىسى توغرىسىدا كەڭ كۆلەمدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىپ، نۇرغۇن ئادەم توردا تاماق سېتىشنىڭ قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، يەنە زور مىقتاردا بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان چوكا، يالتىراق خالتا، تاماق قاچىسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەخلەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى.» ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ گۇرۇپپىسىنىڭ «قورساق ئاچتىمۇ» تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسىنى مۇشۇنداق بىر ئىجادىيەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىز ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىجادىي ئۇسۇل ئارقىلىق بىر قىسىم ھەل قىلىش لايىھەسى تاپقىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدۇق.» بۇ چوكىنىڭ ياخشى يېرى، ئۇنى 10 ئاي ساقلىغىلى بولىدۇ، تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن بىر ھەپتە ئىچىدە چىرىپ يوقاپ كېتىپ، مۇھىتقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

«قورساق ئاچتىمۇ» تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسى بىلەن خۇاڭ فېڭنىڭ گۇرۇپپىسى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى بۇ خىل مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا قاراتتى. ئۇلار كەسپىي يېمەكلىك ياساش سودىگىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خام ماتېرىيالنى قانداق تاللاش، قانداق تەڭشەشنى تەتقىق قىلدى، يەنە تەننەرخنى ئويلىشىپ، ھەم يېگىلى بولىدىغان ھەم ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە چوكا ياساپ چىقتى. بۇنىڭدىكى چوكىنىڭ قاتتىقلىقى بىر چوڭ خىرس. خۇاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: بىز قايتا-قايتا سىناق قىلىپ ئاندىن ھازىرقى ئۈنۈمگە يەتتۇق، ئۇنى «چوكا» دەپ ئاتىغان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا گرېگو پىرەنىكىگە بەكلا ئوخشاپ قالسا بولمايدۇ، ھېچبولمىغاندە يېتەرلىك قاتتىق بولۇشى، قورىمىنى قىسسىلا سۇنۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دۆلەت ئىچى بازىرىدا رەسمىي يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئارقىلىق بازارغا كىرگەن «يېگىلى بولىدىغان چوكا»نىڭ پەيدا بولۇشى تېخى تۇنجى قېتىملىقى. بۇ چوكا «قورساق ئاچتىمۇ» تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسىغا يېڭىلىق تۇيغۇسى ۋە پاراڭ تېمىسى ئېلىپ كەلگەندىن باشقا يەنە مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ئۆستى.

لېكىن قارىماققا بۇ پەقەت دەسلەپكى سىناقتەك قىلىدۇ، ھازىر  «قورساق ئاچتىمۇ» تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسىنىڭ پەقەت ئىككى زەنجىرسىمان رېستۇرانى يەنى تاۋيۈەنجۈەن كەنتى رېستۇرانى ۋە بېنداڭۋۇ رېستۇرانىلا 10 جۈپ يېگىلى بولىدىغان چوكىنى ئىشلىتىشكە سالدى، بۇ خىل مۇھىت ئاسراش ئويىنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلىش ياكى كېڭەيتىلمەسلىكى يەنىلا ساتقۇچى تەرەپ ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنىڭ قانداقلىقىغا باغلىق. قانداقلا بولمىسۇن ئادەتتىكى بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان چوكىغا سېلىشتۇرغاندا، يېگىلى بولىدىغان چوكىنىڭ تەننەرخى يەنىلا خېلىلا يۇقىرى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号