باش بەت

نۇسرەتگۈل

8452يوللانما
213مەستانە

رۇسىيەدە بىر پويىز ئورمانلىق «ئوت دېڭىزى»نى كېسىپ ئۆتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 16:46 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، رۇسىيە سىبېرىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ئورمانلىق ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، بۇ رايونلار ئارىسىدىكى كومسومولسك ئان ئامۇرنى (Komsomolsk-on-Amur) ئوت يالقۇنى ۋە قويۇق ئىس قاپلىغان. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، شۇ جايدىكى بىر پويىز بىۋاستە ئوت كەتكەن ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتكەن، بۇ جەرياننى بىر يولۇچى ۋىدېئوغا ئېلىۋالغان.

رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى تەخمىنەن 61 مىڭ 382 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرە ئوت ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئوت دېڭىزىدىن ئۆتكەن بۇ پويىز شۇ ۋاقىتتا ئۇلياۋنوۋسكىي (Ulyanovskiy Stroitel) بېكىتىگە يېقىنلاپ قالغان. بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چەت رايونلارنىڭ بىرى.

پويىز شوپۇرى: «بىز مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ مۇھىتتا خىزمەت قىلىمىز» دېدى.

بىر ئەمەلدار ئامۇر رايونىنىڭ ئوت ئاپىتى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دالا ئوت ئاپىتى رۇسىيە ھەر يىلى دۇچ كېلىدىغان مەسىلە. بىراق، ئۇ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号