باش بەت

قەدرۇس65

1638يوللانما
28مەستانە

ئۆزى ياقتۇرغان ئىشنى قىلالىغانلار دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك كىشىدۇر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 22:06 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئابراھام ماسلوۋ(Abraham Maslow): ئامېرىكىلىق داڭلىق جەمئىيەت پىسخىلوگى، 3-ئەۋلاد پىسخىكا ئىلىمىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى.

1. ئەگەر سىزدا بىر دانە بولقا بولسا، بارلىق مەسىلىلەرنى تۆمۈر مىخ دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن.

2. ئادەمنىڭ ئېھتىياج قاتلىمى نەزەرىيەسى: ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكىلەر فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجنى باش ئورۇنغا قويىدۇ؛ ئىككىنچى، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە سۈپەت ئېتىياجى؛ ئۈچىنچى، تەۋەلىك تۇيغۇسى؛ تۆتىنچى، ھۆرمەتكە ئېرىشىش ئېھتىياجى؛ بەشىنچى، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلاش ئېھتىياجى.

3. مۇزىكانت چوقۇم مۇزىكا ئىشلىشى كېرەك، رەسسام رەسىم سىزىشى كېرەك، شائىر شېئىر يېزىشى كېرەك، شۇندىلا ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى شۇ ئادەمنىڭ ئىستىگى بەلگىلەيدۇ.

4. ئەگەر سىز قۇربىتىڭىز يېتىدىغان ئىشلارنىڭ ئارىسىدا ئاسىنىنى تاللاپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا كېيىنكى كۈنلىرىڭىز بەختسىزلىكتە ئۆتىدۇ. چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىڭىزگە باپ كېلىدىغان نۇرغۇن پۇرسەت ۋە ئېھتىماللىقلارنى قاچۇرۇپ قويىسىز.

5. ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ ئەڭ مۇھىم پەرقى، ئادەمنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ.

6. شان-شەرەپ تۇيغۇسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى كىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئېھتىياجى.

7. ئادەمنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش ۋە مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئېھتىياج تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.

8. ھەر بىر دەرسلىكنىڭ چوقۇم ئىجادىيەت يارىتىش تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈشكە ياردىمى تېگىشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ياخشى مائارىپ ئەخلاقى بىر تۈركۈم ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئۇلار تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت يارىتىش ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ جەمئىيەتكە ھەسسە قوشالايدۇ.

9. قەلبىڭىز ئۆزگەرسە پوزىتسىيەرىڭىزمۇ ئەگىشىپ ئۆزگىرەيدۇ؛ پوزىتسىيە ئۆزگەرسە يېتىلدۈرگەن ئادەتلىرىڭىزمۇ تەڭ ئۆزگىرەيدۇ؛ ئادىتىڭىز ئۆزگەرسە مىجەز-خاراكتېرىڭىز ئۆزگىرەيدۇ؛ مىجەز-خاراكتېرىڭىز ئۆزگەرسە، كەلگۈسى ھاياتىڭىزمۇ ئۆزگىرەيدۇ.

10. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل تەقدىرى ھەم ئەڭ قالتىس تەلىيى، ئۆزى ياقتۇرغان ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ قىممەت يارىتىش.

11. ئىجادىيەت كۈچى ھەر بىر كىشىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم قابىلىيەت. بۇ خىل قابىلىيەتنى ئاز ساندىكى ئالىم، يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلارغا باغلاپ قويۇش بىر چىرىكلەشكەن ئىدىيە. ئىجادىيەت كۈچى ھەر بىر ئادەمدە بار بولغان يوشۇرۇن تالانت، ئۇنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ، پىسخىكىسى ساغلام تەرەققىي قىلغان ھەر بىر كىشىدە مانا مۇشۇنداق خۇسۇسىيەت بار بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئارسال1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۆزۈم بىلەن رىقابەتلەشمىسەم بولمايدۇ بۈگۈن
    ئۆزگە بىلەن رىقابەتلەشمىسەم بولمايدۇ بۈگۈن
    بىرسىكوت ۋاقىتنىمۇ قەدىرلەپ قولدىن بەرمەي
    تۈنۈگۈنكى رىكوتنى بۇزمىسام بولمايدۇ بۈگۈن

  • @STOP1 ھەپتە ئىلگىرى

    توغرا،،،ئىنسانلار بەك تويماس كىملىز ،،،سۈپەتلەپ دىسەك
    توختىماي يىڭلىق يارتىشنى تەكىتلەيمىز

  • t-bag1 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇ شۇ،بىراق ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرى ئۆزۈم خالىمايدىغان ئىش قىلىش بىلەن ئۈتۈپتۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号