باش بەت

نۇسرەتگۈل

8452يوللانما
213مەستانە

ئوت ئورۇش ماشىنىسىنى قوغلاپ ئوينىغان بەش ياشلىق قىز بىر پۇتىدىن ئايرىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 17:01 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 15-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىندىيانا ئىشتاتىدا تۇرىدىغان بەش ياشلىق قىز ئېھتىياتسىزلىقتىن ئوت ئورۇش ماشىنىسىنىڭ ئاستىدا قالغانلىقتىن سول پۇتى كېسىۋېتىلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە قىزنىڭ دادىسى بىلەن بوۋىسى ئۆيىدە ئىدى.

5-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە بەش ياشلىق قىز مەكەلىستېر ئىنىسى بىلەن بوۋىسىنىڭ ھويلىسىدا ئوت ئورۇش ماشىنىسى ھەيدەۋاتقان بىر تۇغقىنىنى قوغلاپ ئوينىدى. بۇ ۋاقىتتا تۇغقىنى ئىككى بالىنىڭ ئارقىدا تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنىنى ئارقىغا قايتۇرغاندا قىزچاق ماشىنىنىڭ ئارقىدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا سوقۇلۇپ يىقىلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تىراگېدىيە يۈز بەردى.

دادىسى كوردىي ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ: «شۇ ۋاقىتتا ئوت ئورۇش ماشىنىسىغا تاش كىرىپ قالغاندەك ئاۋاز چىقتى. بىراق، ھويلىدا تاش يوق بولغاچقا بىرەر ئىش يۈز بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئالدىراپ چىقسام مەكەلىستېر چىملىقتا يېتىپتۇ» دېدى.

بەختكە يارىشا، مەكەلىستېرنىڭ بوۋىسى ئىچكى كېسەللىكلەر جىددىي قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسى بولغاچقا قاننى دەرھال توختىتىپ نەۋرىسىنىڭ پۇتىنى تېڭىق تاختىسىدا مۇقىملاشتۇردى. ئارقىدىن، مەكەلىستېر ئايروپىلان بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، دوختۇرلار ئۇنىڭ پۇتىنى ساقلاپ قالالماي ئامالسىز كېسىۋەتتى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، مەكەلىستېر ئاۋۋال فىزىكىلىق داۋالىنىپ كېيىن بىر نەچچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىدىكەن، سۈنئىي پۇت سېلىنىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

گەرچە مەكەلىستېر بىر پۇتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەمما باشتىن-ئاخىر يۇمۇرىستىكلىقىنى يوقاتمىدى، كېسەلخانىنى كۈلكە ئاۋازىغا تولدۇردى. ھازىر ئۇ پىيادە مېڭىش ئەسۋابىنىڭ ياردىمىدە مېڭىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىگە ناھايىتى ئاز ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ، تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئۈمىدۋارلىقىدىن ئىلھاملىنىپ توردا ئىئانە توپلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ داۋالىنىش ھەققى ۋە سۈنئىي پۇت سالدۇرۇش ھەققىنى توپلاۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر 12 مىڭ 400 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 78 مىڭ 968 يۈەن) يىغىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 玫瑰1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي ئىسىت قانچە ئاغرىغاندۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号