باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11367يوللانما
1449مەستانە

تورداشلار ئاشكارىلىغان تارىختىكى ئەڭ مەغلۇپ بولغان چەكمىلەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 16:57 1 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۆپىنچە كىشىلەر چەكمە چەكتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تورداشلار ئاشكارىلىغان بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەر كىشىلەرگە تېخنىكىسى قالتىس چەكمە ئۇستىسى تېپىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئېيتىپ بېرىدىكەن. بۇ چەكمىلەر «تارىختىكى ئەڭ مەغلۇپ بولغان چەكمە»لەر ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بەزىلىرىنى كۆرگەن كىشىلەر بەلكىم قارا بېسىپ ئۇخلىيالماسلىقى مۇمكىن. 

سۈرەتتە، بىر تورداشنىڭ مۈشۈكئېيىققا ئوخشاپ كېتىدىغان چەكمىسى. بىراق بۇ مۈشۈكئېيىق قاراشتىنلا ئىنتايىن قورقۇنچلۇقتەك قىلاتتى.

بۇ شەپەرەڭ پالۋىنى چەكمىسى خېلى سۇسلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا چەكمە ئۇستىسىنىڭ تېخنىكىسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرۈپ، ئاندىن يەنە چەكمىگە قارىسىڭىزلا، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.

بەلكىم كىچىك بالىلار بۇ چەكمىنى كۆرۈپ قالسا، قورقۇپ قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

مارلىن مونرونىڭ قاراشلىرى نېمە دەيدۇ زادى.

بۇ چەكمىنى كىچىك بالا سىزىپ قويدىمۇ قانداق؟

بۇ چەكمە سۈرەتلىرى تورداشلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. مەلۇم بىر تورداش: «بۇ بىر قىسىم روھىي كېسەللەر جەمئىيتىدىكى ئەزالارنى پەرقلەندۈرۈشكە پايدىلىق»، دېگەن بولسا، يەنە بىر تورداش: «قىزىمنىڭ بىلىكىدىمۇ بىر چەكمە بار، قاراشتىنلا بىر قۇرۇت سىزغاندەكلا»، دېدى. يەنە بىر قىسىم تورداشلار بولسا قانغۇچە كۈلىۋېلىپ: «ھا، ھا، ھا... نېمىدىگەن قىزىق، خوپ بوپتۇ»، .

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەمەتجان 0071 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر قاراشتا مەغلۇپ بولغاندەك، يەنە بىر قاراشتا بەزىلىرىدە يەنە بىرخىل ئۆزگىچىلىك باردەك.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号