باش بەت

نۇسرەتگۈل

8453يوللانما
213مەستانە

رۇسىيەدىكى ئوت كەتكەن مال سېتىۋېلىش مەركىزى چېقىلىشقا باشلىدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 17:13 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 15-ماي ئىلگىرى ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن رۇسىيە كېموروۋو مال سېتىۋېلىش مەركىزى چېقىلىشقا باشلىدى. شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى «قىشتىكى گىلاس» ناملىق بۇ مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 64 ئادەم قازا قىلغانىدى.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن مال سېتىۋېلىش مەركىزى بىر تۆت قەۋەتلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، كېموروۋو ئوبلاستىنىڭ مەركىزى كېموروۋو شەھىرىگە جايلاشقان. ئوت ئاپىتى يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بولغاچقا مەركەزدە خېرىدار ناھايىتى كۆپ ئىدى. 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 15:10لاردا سودا مەركىزىنىڭ 4-قەۋىتىدىكى بالىلار كۆڭۈل ئېچىش رايونىغا ئوت كەتكەندىن كېيىن تېزلىكتە باشقا رايونلارغا تارقالدى، بىنا ئىچىنى كۆرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە قويۇق ئىس قاپلىدى. ئاپەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر سودا سارايغا ئوت كەتكەندىن كېيىن ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سىستېمىسى سىگنال بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن رۇسىيە فېدىراتسىيەسى رازۋېدكا كومىېتتىنىڭ باياناتچىسى پېترېنكو: «ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىلەن جىنايى ئىشلار رازۋېدكا مۇتەخەسسىسلىرى بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ بىخەتەر توك ئىشلىتىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشىنى بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号