باش بەت

مۇھەررەم

183يوللانما
18مەستانە

ھەر قانداق ئىشقا يولۇققاندا ئاقىلانىلىك بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 21:03 0 ئىنكاس چۈشتى

ھەر قانداق ئىشقا يولۇققاندا ئاقىلانىلىك بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى

ھەرقانداق ئىشقا يولۇققاندا، ھەقىقىي ئەقىللىق ئادەملەر ئالدى بىلەن كەيپىياتىنى بىرتەرەپ قىلىدۇ، ئاندىن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئالدى بىلەن پىسخىكىلىق ھالىتىنى تەھلىل قىلىپ ئاندىن ئىشنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىدۇ.

  1. سۈكۈت قىلىش.

بەزى ۋاقىتتا باشقىلار سىزنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندا ئۆزىڭىزنى ئاقلىغۇڭىز كەلمىدى، شۇڭلاشقا سىز سۈكۈت قىلىشنى تاللىدىڭىز. ئەسلىدىنلا دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ سىزنى چۈشىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق، يەنىلا ئۆزىڭىز بولۇپ ياشىغىنىڭىز ياخشى.

2. جىمىپ كېتىش.

ھاياتىڭىزنىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىدا مېڭىۋاتقان چېغىڭىزدا ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىزگە قەيسەر، خۇشال بولۇشنى ئېيتىدۇ، بۇنداق چاغدا قەيسەر بولۇش مۇقەررەر ئىش، لېكىن خۇشال بولۇشچۇ؟ كىممۇ ئۈستى بېشى قان بولۇپ كەتكەندە يەنە كۈلەلىسۇن؟ لېكىن سىز ھېچ بولمىغاندا تىنچ ھالەتتە تۇرۇۋالالايسىز، تېنىچ پوزىتسىيە بىلەن بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىش چوقۇم سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدۇ.

3. باش ئېگىش.

 باشقىلار بىلەن ئاراڭلاردا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە، تىللىشىپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆيىڭىزدە پول سۈرتكەن ھالىتىڭىزنى خيالىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىز بەزى ۋاقىتلاردا بېلىڭىزنى ئېگىشىڭىزگە، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بېشىڭىزنى تۆۋەن قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنگەن ھامان كەيپىياتىڭىز ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

4. «ئەسلى .....» دېگەن گەپلەرنى قىلماڭ.

ھايات يولى نۇرغۇنلىغان تاللاشلار بىلەن تولغان، مەسىلەن قايسى كەسىپتە ئوقۇش، قانداق خىزمەت قىلىش، توي قىلىش ياكى قىلماسلىق، بالىلىق بولۇش ياكى بولماسلىق بۇلارنىڭ ھەممىسى تاللاش، ئوخشىمىغان تاللاشلار ئىنساننى ئوخشىمىغان ھايات يولىغا باشلاپ كىرىدۇ، ئەگەر باشتا شۇنداق بولمىغان بولسا ھازىر بۇنداق بولۇپ قالمايتتى، دېگەندەك گەپلەرنى ئەڭ ياخشىسى دېمەڭ، ھايات دوقمۇشلىرىدىكى تاللاشلار توغرا-خاتا دەپ ئايرىلمايدۇ، ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتى ئۆزى ئىجاد قىلغان شەكىلدە داۋام ئېتىدۇ، شۇڭلاشقا ھەر بىر قېتىملىق تاللىشىڭىزدىن پۇشايمان قىلماڭ.

5. تىرىشىش.

ئورمانلىقلار ئارىسىدا سەيلە قىلىپ كېتىپ بارغان چېغىڭىزدا، دەرەخ غولىغا يارماشقان چىرايلىق يۆگىمەچ گۈللەرنى كۆردىڭىز، بۇ مەنزىرىدىن دىلىڭىز ئىللىدى، كەلگۈسىدىكى مەلۇم كۈنلىرىدىكى قاتتىق بوراندا دەرەخنىڭ شاخلىرى سۇنغان، گۈللەر خازان بولغان كۆرۈنۈش كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنىڭ مەڭگۈ ھازىرقى گۈزەل مىنۇتلاردا توختاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدىڭىز، بۇ پەقەتلا سىزنىڭ ئۈمىدىڭىز، خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھايات مۇساپىڭىزدا نۇرغۇنلىغان ئۆزىڭىز خالىمىغان كۆڭۈلسىزلىك، ئۈمىدسىزلىكلەرگە دۇچار بولىسىز، مەيلى نېمە ئىش يۈز بەرمىسۇن تىرىشىڭ، تىرىشسىڭىزلا ئەتىڭىز بۈگۈنىڭىزدىن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

6. ئاددىيلىقنى ساقلاڭ.

بەزى ئىشلارنى بەك مۇرەككەپ ئويلىۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ قات-قات بېسىملىرى ئارىسىدا ئۆزىڭىزنى تاپالماي قالىسىز، ھازىرقى ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەشكە تېگىشلىك تۇرۇپ ئۆتمۈشىڭىزنى ئۇنتۇيالماي، كەلگۈسىڭىزدىن ئەنسىرەپ يۈرۈيسىز، ئاددىي ياشاڭ، قويۇۋېتىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى قويىۋېتىڭ، ئاددىي ياشاڭ، ئادەم ھاياتى پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ.

7. بەزىدە «مەتو»  بولۇشنى بىلىڭ.

ھەر دائىم قىممەت باھالىق قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى يەپ زېرىكىپمۇ قالىسىز، بەزىدە يول بويىدىكى يايمىلاردىنمۇ تاماق يەپ قويۇڭ، تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرمەس قېلىپ ئىچىگە كىرگۈزۈۋالماڭ، راھەت ياشاشنى بىلىڭ.

8. جىمجىتلىققا قايتىڭ. 

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە كەيپىياتىڭىز شۇنچىلىك تۆۋەن، پەردىنى ئېچىپ سىرتتىكى قۇياشقا قارىغىدەكمۇ رايىڭىز يوق، بۇ مەزگىلدە بالىكوندا باققان گۈلىڭىزنى بېقىشنىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنۇتتىڭىز، كۈنلەر ئۆتۈپ بىر كۈنى كەيپىياتىڭىز ياخشىلاندى، گۈلىڭىز ئېسىڭىزگە كەلدى، سىز ئۆزىڭىزنى تاشلىۋېتىپ يۈرگەن مەزگىللەردە يامغۇر سۈيى گۈلىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى، كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەردىن ئەنسىرەپ، دەككە-دۈككىدە ياشىشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى يوق، پەقەت ھەقىقىي ئۆزىڭىز بولۇپ ياشىشىڭىزلا، ھايات مۇساپىڭىزنى ئەسلىگىنىڭىزدە پۇشايمان قىلمىسىڭىزلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号