باش بەت

نىجات

443يوللانما
56مەستانە

ئۈندىدار ئالدامچىلىرى باي بولۇش چۈشى كۆرىۋاتقانلارنى مۇنداق ئالدايدىكەن

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 18:20 4 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، خەۋىرى نۇر تور تەرجىمىسى: 

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى «مەبلەغ سېلىش»قا باشچىلاپ كىرىپ كەتتى. ھەممەيلەن «پۇل پۇلنى تاپىدۇ» دېگەن تەلىماتقا قاتتىق ئەقىدە باغلاپ، باشقىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپقانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەرنى ئاغزىنى تامىشىتىپ تۇرۇپ سۆزلەپ، ئۆزىمۇ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تاپماقچى بولدى. 

بىر كۈنى فوشەنلىك جاڭ خانىم تۇيۇقسىز بىر ئۈندىدار توپىغا كىرىپ قالىدۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، توپتىكى بىرەيلەن ئۇنى قوشىدۇ. جاڭ خانىم ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكى باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقان خاتىرىلەرنىڭ كەسمە سۈرىتى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەزمۇنى بولسا، قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدار دوستلىرى «قەرەللىك» مالغا مەبلەغ سېلىپ نۇرغۇن پۇل تاپقانلىقى ئىدى. 

بۇنى كۆرگەن جاڭ خانىمنىڭ كۆڭلىدە ۋەسۋەسە پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. خۇددى ئۆزىنى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخكە» ئۇچراپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، قارشى تەرەپتىن بۇ توغرىلىق مەسلىھەت سورايدۇ. بۇ چاغدا جاڭ خانىم ئۆزىنىڭ قۇرۇق ئورەككە باشچىلاپ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى. 

جاڭ خانىم بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنداق مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا قەتئىي قاتنىشىپ باقمىغان بولۇپ، بۇ توغرىلىق ھېچنېمىنى بىلمەيتتى، شۇڭا ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپكە ئۆزىگە ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا بىر ئەپنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇنى يانفونىغا چۈشۈرۈپ، شۇنىڭدا مەبلەغ سېلىشنى ئېيتىدۇ.

جاڭ خانىم شۇنداق قىلىپ بۇ ئەپتە 30 مىڭ يۈەندىن ئىككى قېتىم مەبلەغ سالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن جاڭ خانىمنىڭ پۇلى بۇ ئەپتە نەچچە ھەسسە قاتلىنىپ كېتىدۇ، ئەمما جاڭ خانىم بۇ پۇللىرىنى كارتىسىغا ئاغدۇرماقچى بولغاندا، قارشى تەرەپ سۇغا چۈشكەن تاشتەكلا غايىب بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ شۇ چاغدىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەپ بىر سانلار ئويۇنى ئوينايدىغان ئەپ ئىكەن. 

ئەمەلىيەتتە جاڭ خانىم كۆرگەن سانلار ۋە پۇللارنىڭ سانى ھەممىسى يالغاندىن ياسالغان بولۇپ، پەقەت ئەپكە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزلا سىزگە مۇشۇنداق كۆرۈنىدىكەن. ئەمەلىيەتتە سىز مەبلەغ سالغان پۇللارنىڭ ھەممىسى ھەسسىلىنىپ قايتىپ كەلمەكتە يوق، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىدىكەن. 

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جاڭ خانىمنى ئالداپ كەتكىنى پەقەت بىر كىشى بولماستىن، بەلكى بىر توپ ئالدامچىلار شايكىسى ئىكەن. 

بىزنىڭ كاللىمىزدىكى ئالدامچىلار بولسا كوچىدا يۈرىدىغان بىكار تەلەت كىشىلەردۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ ئالدامچىلىق شايكىسى ناھايىتى مۇكەممەل بولۇپ، ئۇلار گۇاڭجۇ ئۆلكىسى تيەنخې رايونى جۇجياڭ يېڭى شەھىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت بىناسىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشقان ئىكەن. 

بۇ خىزمەت ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەر كۈنى تۈرلۈك تور ئالدامچىلىقلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەرخىل ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ، ھەر كۈنى توختىماي دوستلار چەمبىرىكى كۆرىدىغان، يانفوندىن باش كۆتۈرمەيدىغان كىشىلەرنى دامىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن. 

نۆۋەتتە 世通国际 ۋە 融乐宝 ئىككى ئالدامچى ئەپنىڭ ئارقىسىدىكى ئالدامچىلىق شايكىلىرى قولغا ئېلىنغان. قولغا ئېلىنغان 88 جىنايەت گۇماندارى ئىككى ئالدامچىلىق شايكىسىدىن بولۇپ، يەنە بىر «باش ئىشتابى» خۇبېيدا ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېرىمىدىن كۆپرەك كىشى مەخسۇس توردا قاپقان قۇرۇپ، «دوستلار چەمبىرىكى كەسپى» بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، گەرچە دوستلار چەمبىرىكىدە باشقىلارنى ئالداشقا ۋاقىت كۆپ كەتسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالداش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئالداش ئوبيېكتى ھازىرقى ياشلار ئىكەن. 

شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ناتونۇش كىشىلەرنى ئۈندىدارغا قوشماسلىقنى، باشقىلارنىڭ تەۋسىيەلىرىگە خالىغانچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىنى، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى يالغان-ياۋداق پۇل تېپىش سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

«بىر بالاسى بولمىسا، قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا» دېگەندە، ھازىر ھېچيەردە ئاسماندىن بىكارلىق پوشكال ياغىدىغان ئىش يوق، شۇڭا باشقىلارنىڭ پو ئېتىپ قىلغان گەپ سۆزلىرىگە، تېز سۈرئەتتە پۇل تاپىدىغان، باي بولىدىغان گەپ سۆزلەرگە ھوشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، تونۇمايدىغان كىشىلەرنى ئۈندىداردىن بالدۇرراق يۇيۇپ تاشلاپ، قۇرۇلۇش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۈندىدار توپلىرىدىن بالدۇرراق چېكىنىپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.  

باش سۈرەت تاللاش x
  • @STOP1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇمكىن،،،
    ئازراق قايدىگە ئۇيغۇنغۇ مەبلەخ سىلىپ پايدا ئايرىش،،،لىكىن ئالدامچىلارمۇ بار

  • خاتاكى✘كاكاشى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ تاس قالغان، تېلفۇندا تۇرۇپلا ئالتۇن نىفىت سودىسى قىلسىز دېسە ئىشىنىپ مەبلەغ سالغىلى، ھازىرقى ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى بىز ئويلىغاندىنمۇ بەك كۆپكەن.

  • Ruby1 ھەپتە ئىلگىرى

    دۇنيادا بېكارلىق چۈشلۈك تاماق يوق ، ئاسانلا باي بۇلۇپ كېتىشنى، جايىدا يېتىپ پۇل تېپىشنى ئويلىغانلار ئاسان توزاققا چۈشىدۇ شۇ. ئەڭ ياخشىسى قۇرۇق خىيالنى ئاز قىلىپ. ئەمەلىي ئىش قىلغان ئەۋزەل .

  • ھەيھات1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇلار بىز ياشلارنىڭ پۇل تىپىشقا ھىرىس ئىكەنلىكىمىزنى ، بىر ئىشلارنى كۆپ ئويلۇشۇپ ئولتۇرماي سىناپ بېقىش پىسخىكىمىزنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بۈلىدۇ ...!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号