باش بەت

ئادىلجان

7509يوللانما
128مەستانە

ئىنژېنېر ئىسسىقلىتىن شەكىل ئۆزگەرتىدىغان ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ ماتور ۋە باتارېيە كەتمەيدىغان سۇ ئۈزگۈچى ماشىنا ئادەم ياساپ چىقتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 18:02 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ماشىنا ئادەم تىلغا ئېلىنسا بىز ئادەتتە ئېلېكتىر ماتور، باتارېيە قاتارلىق ئىچكى ئېلېكتىر زاپچاسلىرىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرىمىز. ئەمما كالفورنىيە ئىشتاتلىق تېخنىكا ئىنىستىتۇتى ۋە سيۇرخ فېدراتسىيە تېخنىك ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىنژېنېرلىرى ماتور ۋە باتارېيە كەتمەيدىغان سۇ ئۈزگۈچى ماشىنا ئادەم ياساپ چىقتى. ئۇنىڭغا ئىسسىقلىقتىن شەكىل ئۆزگەرتەلەيدىغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تېمپىراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ سۇ ئۈزەلەيدۇ. 

ئىتتىرىش سىستېمىسىنىڭ تەسەۋۋۇر سۈرىتى


ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىز تۈرلۈك ئۆزگىرىشچان ماتېرىياللارنى كۆرگەن، مەسىلەن: يورۇقلۇق قوزغاتقۇچى ئۆمىلىگۈچى قۇرت، تۈڭلۈك قۇرت ۋە قەغەز قاتلاش ھۈنەر-سەنئىتىدىن ئىلھام ئېلىپ ياسالغان ماشىنا ئادەم قاتارلىقلار. 

بۇ خىل يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىققا ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئۆزىنى ئۆزى ئوڭشايدىغان، ئۆزگىرىشچان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماتېرىيال ئىسسىقلىققا يولۇققان ۋاقىتتا گەۋدىسىنى سوزىدۇ. بىر خىل ئىسسىقلىققا سەزگۈر پولىمېر ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، بۇ كەشپىيات يەنە ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرايدۇ. 

بۇ تەتقىقات ھەققىدىكى تەپسىلاتلار يېقىندا نەشردىن چىققان ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيەسى ژۇرنىلى «PNAS»تا ئېلان قىلىندى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号