باش بەت

durdana

1772يوللانما
118مەستانە

كورېيان ئېقىمىدىكى ئەڭ كېلىشكەن 10 ئەر چولپان

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 19:50 10 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيان ئېقىمىدىكى ئەر چولپانلار ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نۇرغۇن مەستانىسى بار. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبى نۇرغۇن مەستانىلەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ. تۆۋەندە بىز 2018-يىللىق كورېيان ئېقىمىدىكى 10 ئەر چولپاننى كۆرۈپ ئۆتىمىز:

10.جوڭ خيون(金钟铉)

1990-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى كورېيەدە تۇغۇلغان، ئۇ كورېيان ئېقىمىدىكى ئەڭ كېلىشكەن ئون ئەر چولپاننىڭ بىرى، ناخشا يازىدۇ، پىئانىنو چالىدۇ، كورېيان تىلىدىن سىرىت خەنزۇ تىلى، ئېنگىلىز تىلىنى ئوبدان بىلىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇغاندىن باشلاپ مۇزىكا چېلىپ كەلگەن بولۇپ، تۆۋەن ئاۋازلىق گىتار چېلىشقا بەك ئۇستا.

9. كىم سوخيون (金秀贤)

1988-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇ مودېل، ئارتىس ھەم ناخشىچى بولۇپ، ناھايىتى جەلپكار، ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «قۇياشنى قۇچاقلىغان ئاي»(拥抱太阳的月亮)، « Dream High»، «ئۇلۇغ يوشۇرۇنغۇچى»(伟大的隐藏者)، «يۇلتۇزدىن كەلگەن سۆيگۈنۈم»(来自星星的你)، «ئىشلىگۈچى»(制作人)، « Real».

8. بيۇن بەكخيون(边伯贤)

1992-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى كورېيەدە تۇغۇلغان، سېھرىي كۈچكە ئىگە ياش، ئۇسلۇبى قالتىس بولغان ئارتىس. ئۇ كورېيە ئەرلەر ناخشا گۇرۇپپىسى EXO/EXO-K نىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى: «ھەر قەدەمدە يۈرەكنى تىترىتىش»(步步惊心:丽)،« Dream»، «يۈرەك دۈپۈلدەش»(心动)، « The day».

7. دوڭ يوڭبې (东永裴)

1988-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى كورېيەدە تۇغۇلغان، مودېل، ئارتىس، ناخشىچى. كېلىشكەن قامىتى بىلەن نۇرغۇن قىزلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: «پەقەت ماڭا قارا»(只看着我)، « Ma Girl»، «توي كۆينەك» (Wedding Dress)، «سەھەر سائەت بىر»(凌晨一点)، «بۇرۇن، قۇلاق، ئېغىز»(眼,鼻,嘴) قاتارلىقلار بار.

6. rain

1982-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى  كورېيەدە تۇغۇلغان، ئۇ بىر ئارتىس، مۇزىكانت ۋە مۇزىكا ئىشلىگۈچى. ئۇ كورېيەدىكى ئەڭ پۇلدار ئون چوڭ كورېيان ئېقىمىدىكى ئون كاتتا چولپاننىڭ بىرى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى:« It's raining»،« Rainism»، «رومانتىك داچا»(浪漫满屋)، «نىنجا قاتىل»(忍者刺客)، «ماشىنا ئادەمنىڭ مۇھەببىتى»(机器人之恋).

5.لى تېمىن(李泰民)

1993-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى كورېيەدە تۇغۇلغان، ئۇ مودېل، ئارتىس ھەم ئۇسسۇلچى. ئۇ تولىمۇ جەلىپكار قامەتلىك يىگىت. ئۇنىڭ ئوماق كۆزلىرى نۇرغۇن قىزلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان. مۇزىكىسىمۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

4. چوي سيوڭخون (崔胜铉)

چوي سيوڭخون 1987-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى كورېيەدە تۇغۇلغان، ئۇ بىر ئارتىس، مۇزىكانت، ناخشىچى، ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن، مودا تۇيغۇسى كۈچلۈك، خاراكتىرىمۇ ئۆزگىچە، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى:«مۇئەللىمىم»(我是老师)،« IRIS»،«زەمبىرەك ئوتىغا كىرىش»(到炮火中去)، «قوشنا دېرىزىدىكى ئوقۇغۇچى»(同窗生)، « DOOM DADA»، «كونتىروللۇقنى يوقىتىش: ئەرۋاھ ئۇچار ماشىنىسى»(失控·幽灵飞车).

3. ئوك تېنيان (玉泽演)

1988-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى كورېيەدە تۇغۇلغان. ئۇ ئارتىس ھەم ناخشىچى. كېلىشكەن، كۆزلىرى بەك چىرايلىق، نۇرغۇن ئايال مەستانىلىرى بار. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «dream high»، «كۈلقىزنىڭ ئاچىسى»(灰姑娘的姐姐)، «ئۇرۇشە، ئالۋاستى»(打架吧鬼神).

2. لى دوڭخې (李东海)

1986-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى كورېيەدە تۇغۇلغان، كورېيەلىك ئارتىس ھەم ناخشىچى. ئۇ تولىمۇ ئوماق بولۇپ، مىجەزى ئۆزگىچە، ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى قىزلارنى ساراڭ قىلاي دەپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «ھېچقىسى يوق»(没关系)، «دادىنىڭ قىزى»(爸爸的女儿)، «ھەشەم رىقابەت»(华丽的挑战)، «مۈشۈكئېيىق خانقىز ۋە كىرپە»(熊猫小姐和刺猬)، «ئىلاھنىڭ سىنىقى4»(神的测验4)، «ئۆسەك سۆز»(传闻).

1. چوي سىۋون

1986-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى كورېيەدە تۇغۇلغان، مودېل، ئارتىس ھەم ناخشىچى. كورېيەدىكى كورېيان ئېقىمى ساھەسىدىكى ئون چوڭ چولپانلارنىڭ بىرى. نۇرغۇن قىزلار ئۇنىڭ ئەسەبىي مەستانىسى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «Oh My Lady»، «ھەشەم رىقابەت»، «تېلېۋىزىيە تىياتىر شاھى»(电视剧之王)، «كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا سىزنى سۆيىمەن دەيمەن»(转身说爱你)، «ئۇ بەك چىرايلىق»(她很漂亮).

باش سۈرەت تاللاش x
  • روسسى5 كۈن ئىلگىرى

    جى چاڭۋوك، سوڭ جوڭكى، ل جوڭشۇلار يوققۇ ؟

  • نەھال1 ھەپتە ئىلگىرى

    كىم سوخيۇن بىلەن رېيىننى بەكلا ياختۇرمە

  • تاتلىق ھايات1 ھەپتە ئىلگىرى

    لى مىنخاۋ يوققۇ، ئۇ بىرىنچىلىككە ئەڭ لايىق ئىدى، خاتا تىزىپ قويدىمۇ قانداق

  • شاھنازـexo1 ھەپتە ئىلگىرى

    بېكيونشى باكەنغۇ ھ ھ ئاۋازى بەك ئېسىل.سېخۈننى قوشقان بولسا ئەسلى. قەتئىي رەتتىن چۈپ قاممايدۇ ئۇ شۇمتەك
    ئەپسۇس جوڭخيۇن تۈگەپ كەتتىدە. ھەقىقەتەن تېپىلغۇسىز بىر ناخشىچىتى .تېمىن ئۇسسۇلغا دەھشەت ئۇستا.

  • تۇنجى قار1 ھەپتە ئىلگىرى

    لى مىنخاۋ بىلەن سوڭ جوڭكى نى يازماپتىغۇ ، ئەڭ كىلىشكەن يىگىتلەر بۇ

  • 1三uqun1 ھەپتە ئىلگىرى

    لى مىنخاۋ، لى جۇڭسۇ، سۇڭجۇڭكىلار چۇ، ئۇلارمۇ قالتىسقۇ

  • 有一天1 ھەپتە ئىلگىرى

    نېمانداق چىرايلىق ، ھەي ، بۇ قىز بالىلار.

  • شوخ - شوخ1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن كىم سوخيوننى بەك ياقتۇرىمەن، قۇياشنى قۇچاقلىغان ئاي، يۇلتۇزدىن كەلگەن سۆيگۈنۈم دىگەن تىلىۋىزىيە تىياتىرلاردا بەك ياخشى رول ئالىدۇ

  • قوش سوڭ1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىمنخو بىلەن سوڭ جوڭكى ئارىلپ قاپتۇ

  • يىڭى كەلداخۇن1 ھەپتە ئىلگىرى

    12-ئاينىڭ 274-كۈنى تۇغۇلغان دەيدىغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号