باش بەت

نىجات

443يوللانما
56مەستانە

دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىۋالغۇدەكلا مودا سۆزلەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 21:24 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

  1. دۇنيا ناھايىتى كەڭ، ماڭا سەن بولمىساڭمۇ ياشاۋېرىمەن. 

2. سەن ماڭا قانچىلىك ئازار بېرىشىڭدىن قەتئىينەزەر، مەن چىداۋېرىمەن. 

3. ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ، دۇنيادا پەقەت بىرلا «سىز» بار. 

4. ئۇ ئۇنچە ياخشىمۇ ئەمەستى، شۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئۇنتۇيالمايۋاتىمەن خالاس. 

5. قايتىپ كەلسەڭ قىزغىن قارشى ئالىمەن، كېتىپ قالساڭمۇ قولۇمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇزىتىپ قويىمەن. 

6. سەن ناھايىتى قابىلىيەتلىك، ئەمما مەنمۇ لەقۋا ئەمەس. 

7. مېنىڭ لۇغىتىمدە «ماس كېلىش» دېگەن ئاتالغۇ يوق، پەقەت «ياخشى كۆرۈش» دېگەن ئاتالغۇ بار. 

8. پەقەت مەن يېنىڭدا بولساملا، تەنھالىق بىزگە قەتئىي يېقىن كېلەلمەيدۇ. 

9. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ھېسسىيات چوڭقۇرلاشماسلىقى مۇمكىن، ئەمما چۈشىنىش چوڭقۇرلىشىدۇ. 

10. ھازىرقى مەن ناھايىتى ياخشى، ھېسسىيات ئىشلىرى مېنى ئازابلىيالمايدۇ. 

11. دۇنيادا شۇنداق كىشىلەرمۇ ئۇچرايدۇ، ئۇلار سەن ئۈچۈن ئوت دېڭىزغا كىرىشتىنمۇ يانمايدۇ. 

12. مېنى ئالدىغان كىشىلەرگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىمەن، چۈنكى مەن ئىلگىرى شەرتسىز ئۇلارغا ئىشەنگەن ئىدىم. 

13. ۋەدە ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوڭايسىزلىقلارنى تۈگىتىدىغان قۇرۇق گەپ ئىدى، ئەمما ئاخىرىدا سەن راستتىنلا ئوڭايسىزلاندىڭ. (ۋەدەڭگە ۋاپا قىلمىدىڭ)

14. تەنھالىق ماڭا تەۋە، بۇ سەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئەمما بۇنى سەن ماڭا ئاتا قىلغان. 

15. ئەگەر سېنىڭ كۆزۈڭ بولمىسا، ئۇنداقتا مېنى خەقنىڭ ئېغىزى بىلەن چۈشەنگىن. 

16. ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا ئەپسۇسلانماڭ، گۈزەل ئىشلار بولسا تاتلىق ئەسلىمە بولىدۇ. ئازابلىق ئىشلار بولسا ئۆتمۈش بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 阿龙36301 ھەپتە ئىلگىرى

    خەتلەرنى بېسىپ تۇسىڭىز 复制دىگەن خەتنى باسسىڭىز بولىدۇغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号